Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوراللىق قىسىملارنىڭ ھۆججەت ئالاقە گۇۋاھنامە ۋە تامغىلىرىنى ياسىۋېلىش ئۆزگەرتىپ ياساش ۋە ئېلىپ سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قوراللىق قىسىملارنىڭ ھۆججەت - ئالاقە، گۇۋاھنامە، تامغىلىرىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىپ ياساش ۋە ئېلىپ - سېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - قوراللىق قىسىمنىڭ نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى ۋە ئىناۋىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قوراللىق قىسىملارنىڭ ھۆججەت - ئالاقە، گۇۋاھنامە، تامغىلىرىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىپ ياساش ۋە ئېلىپ - سېتىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
375 - ماددا 1 - تارماق قوراللىق قىسىملارنىڭ ھۆججەت - ئالاقە، گۇۋاھنامە ۋە تامغىلىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، ئېلىپ - ساتقان ياكى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.