Uyghurئاساسىي لۇغەت
مارجان كاۋاپ
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ لوق گۆشى 280 گرام، تۇز مۇۋاپىق، تۇخۇم بىر دانە، سوققان زىرە ئازراق، ھۆل پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پىياز بىر تال، سوققان لازا ئازراق، ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام).
1. قوينىڭ لوق گۆشىنى ئۆرۈكنىڭ ئۇرۇقچىسىدەك چوڭلۇقتا يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا چانالغان پىياز، زىرە، لازا، پۇرچاق ئۇنى، تۇز، تۇخۇم ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. (ئازراق كۈنجۈت ئارىلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ).
2. ئارىلاشتۇرۇلغان گۆشنى ئىنچىكە زىخچىلارغا تەكشى ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ ئالتە دەرىجە قىزىغاندا زىخچىغا ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان گۆشنى سېلىپ ئالتۇن سېرىق رەڭدە داغلانغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ، ياغنىڭ گرادۇسىنى سەككىزىنچى دەرىجىگە ئۆرلىتىپ، ئىككىنچى قېتىم زىخچىلارنى سېلىپ مارجاندەك قىزارتىپ پىشۇرۇپ، سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە تەكشى تىزىپ زىياپەت جوزىسىغا كەلتۈرۈلىدۇ. گۆش كىچىك - كىچىك توغرالغاچقا، بۇ كاۋاپنى بىر قېتىملىق ياغدا پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.