Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
دون دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
顿河
dùn hé
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا قىسمىدىكى ئۈچىنچى چوڭ دەريا. رۇس ئېدىرلىقىنىڭ شەرقىي يان باغرىدىن باشلىنىپ ئەگرى - بۈگرى ھالدا شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، يەنە غەربىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، ئورمان - يايلاق ۋە يايلاق، بەلباغلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئازوۋ دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 1870 كىلومېتر كېلىدۇ، كۆلىمى 422 مىڭ كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. دەريا ئاغزىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 935 كۇب مېتر سېكۇنت، يىللىق سۇ مىقدارى تەخمىنەن 30 كۇب كىلومېترغا يېتىدۇ، سۇ يولى بىر قەدەر تۈز، ئاساسىي تارماقلىرى خوپېر، شىمالىي دونېسكى دەريالىرىدىن ئىبارەت. دەريانىڭ غول ئېقىنى ۋولگا - لېنىن قانىلى ئارقىلىق ۋولگا دەرياسى، كاسپىي دېڭىزى، بالتىق دېڭىزى، ئاق دېڭىزلار بىلەن تۇتىشىدۇ. سۇ قاتناش لىنىيىسى 1590 كىلومېتر كېلىدۇ. مۇز توڭلاش مەزگىلى تەخمىنەن تۆت ئايغا سوزۇلىدۇ. كۆمۈر، ئاشلىق، ياغاچ، مېتاللار توشۇلىدۇ. روستوف، ئازوف شەھەرلىرى مۇھىم پورتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,ئۇنىۋېرسال
顿河
dùn hé