Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئارقا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىنىڭ قارشىسى، ئوڭنىڭ تەتۈرى.
خەقنىڭ ئەيىبى ئالدىدا، ئۆزىنىڭ ئارقىدا. ئۆتكەن ۋاقىت ئارقىغا يانماس. باينىڭ ئالدى تار، كەينى كەڭ. كەينىدە كەلگەنگە سۆڭەك تېگەر. ياخشىغا سوڭ باستۇرۇپ يۈر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
زامان، ماكان ۋە رەتنىڭ دۈمبە تەرىپى، تەتۈر تەرىپى.
ئالدى
زامان، ماكان ۋە رەتنىڭ يۈز تەرىپى، ئوڭ تەرىپى.
ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە. ئالدىڭغا ماڭساڭ، كەينىڭگە قارا. دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار، دوستۇڭ كەينىڭدە. شا كىچىك تىككەن توقۇمنىڭ ئالدى - كەينىنىڭ پەرقى يوق. باسقان ئىزىڭنى بىلىپ باس، ئالدى - ئارقاڭنى كۆرۈپ باس. ھارۋىنىڭ ئالدى چاقى قەيەردىن ماڭسا، ئارقا چاقى شۇ يەردىن ماڭىدۇ. ئوتتۇزغا كىرگۈچە ئۆلۈم ئارقاڭدا يۈرەر، ئوتتۇزدىن كېيىن ئالدىڭدىن كۈتەر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئارقا، دۈمبە.
1 - 173
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياردەمچى، يۆلەكچى.
قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ياردەم بېرىدىغان ئادەم. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئارقاسىز ئالپ چەرىك سىيۇماس _ ياردەمچىسىز باتۇر سەپنى يىمىرەلمەس.
1 - 173
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
گەۋدىنىڭ قورساققا نىسبەتەن كەينى تەرىپى.
ئارقىسىنى قىلماق. قولىنى ئارقىسىغا تۇتماق.
نەرسىلەرنىڭ كەينى قىسمى؛ يۈزىگە، ئالدى تەرەپكە قارىمۇقارشى بولغان قىسمى، تەتۈرى.
سۈرەتنىڭ ئارقىسى.
ئۇ تامنىڭ ئارقىسىغا چاپلانغان خەتنى ئاستا سويۇۋالدى.
تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارغا نىسبەتەن باش ۋە كۆكسىنىڭ كەينى تەرىپى.
ئاتنىڭ ئالدى پۇتى ئىششىق بولسا، ئارقا پۇتىغا تەسىر قىلىپ، مېڭىشى بۇزۇلىدۇ.
ھەرىكەت يۆنەلگەن تەرەپنىڭ ئەكسى، كەينىدىكى مۇساپە.
ئارقىدا قالماق.
ئوتۇنچى يولۋاسنى كۆرۈپلا، پالتىنىمۇ ئالماي ئارقىسىغا قاراپ بەدەر قاچتى.
كۆچمە. ئۆزى يوق يەر؛ ئۆزى يوق پەيت.
ئارقىسىدىن كۈلمەك. ئارقىسىدىن گەپ قىلماق.
ئارقامدىن دېگەنلەر - تېزىكىمنى يېگەنلەر (ماقال).