English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Australia
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئوكيانىيە
ئاۋسترالىيە
1903 - يىلى ئاۋسترالىيە دۆلەت بايرىقىدىكى ئاق يۇلتۇز ئالتە بۇرجەكلىك يۇلتۇز بولۇپ، شۇ چاغدا ئىتتىپاقىداش بولغان ئالتە شىتاتىنى كۆرسەتكەن. 1908 - يىلى شىمالدىكى بىر ئاپتونوم رايۇن ئاۋستىرالىيە تەۋەلىكىگە يېڭىدىن قوشۇلغاندىن كېيىن ئالتە بۇرجەكلىك يۇلتۇز يەتتە بۇرجەكلىك يۇلتۇزغا ئۆزگەرگەن. يۇلتۇزنىڭ ئەڭ چوڭى ئىتتىپاقىداش بولغان ئالتە شىتات بىلەن بىر ئاپتونوم رايوننى، قالغان بەش يۇلتۇز تىنچ ئوكيان ئاسمىنىدكى جەنۇبىي كرېسىت يۇلتۇز تۈركۈمىنى بىلدۈرگەن. بايراقنىڭ تېگى كۆك رەڭلىك بولۇپ، ئاۋسترالىيە زېمىنىنىڭ تۆت ئەتراپى دېڭىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ دۆلەت بايرىقىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى سول بۇرجىكىدە ئەنگىلىيىنىڭ قوش كرېسىتلىك بايرىقى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەن. 1901 - يىلى ئاۋسترالىيە ئەنگلىيىنڭ < ئاپتونومىيىلىك تېررىتورىيىسى > بولغان. 1913 - يىلى ئىتتىپاقىداش بولغان ھەم مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلىپ ئەنگلىيە فېدېرتسىيىسىگە ئەزا بولغان. 1954 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلزابېت Ⅱ ئاۋستىرالىيىن زىيارەت قىلغاندا بۇ بايراقنى ئاۋسىترالىيە ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بايرىقى قىلشنى بېكىتكەن.
دۆلەت گېربىدىكى رەسىملەر ئىتتىپاقداشنىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىنى كۆرسەتكەن. ئاق جايدىكى قىزىل رەڭلىك ساينت گېىئورگ كرېسىتى بىلەن ئالتۇن شىر يېڭى جەنۇبىي ئۇئېلىس شىتاتىنى، كۆك جايدىكى ئاق يۇلتۇز بىلەن ئالتۇن تاج ۋىكتورىيە شىتاتىنى، ئاق جايدىكى مالتا كرېسىتى بىلەن پادىشاھ تاجىسى كۋنسلېند شىتاتىنى، سېرىق جايدىكى قارا ۋە ئاق رەڭلىك غۇرۇلاي جەنۇبىي ئاۋسترالىيە شىتاتىنى، سېرىق جايدىكى ئاققۇ غەربىي ئاۋسترالىيە شىتاتىنى، ئاق جايدىكى قىزىل شىر تاسمانىيە شىتاتىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستىگە بىر كۆك ۋەئاق رەڭدىكى گۈلچەمبرەك بىلەن بىر يەتتە بۇرجەكلىك يۇلتۇز سىزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىدا بىر كېنگۇرۇ بىلەن بىر ئاۋسترالىيە تۆگىقۇشى ئېۋكالىپىت دەرىخىگە قونغان بولۇپ، ئاۋسترالىيىنىڭ ئالاھىدە ئەتۋرلىق ھايۋاناتلىرىنى بلدۈرگەن. پورەكلەپ ئېچىلغان سېرىق ئاكاتسىيلەر جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ھەر ۋاقىت كۆكىرىپ تۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلغان ھەمدە ئۇنى ئوكيانىيىنڭ سىمۋولى دەپ قارىغان.