Uyghurئاساسىي لۇغەت
كالاي
دۇنيا تارىخى
فرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز پورتى شەھىرى بولۇپ، دوۋېر بوغۇزىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ. 1180 - يىلى ئاپتونومىيە بولغان. ئەنگلىيە - فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە پادىشاھى ئېدۋارد( 3 ) 1347 - يىلى بۇ يەرنى قولغا كىرگۈزىۋالغان. 1558 - يىلى قايتىدىن فرانسىيىگە تەۋە بولغان. خۇگۇينوت ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1596 - 1598 - يىللىرى بىر مەزگىل ئىسپانىيە ئىشغال قىلىۋالغان.