Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاق موم قۇرتى
بىئولوگىيە
ھاشاراتلار سىنىپىنىڭ ئوخشاش قاناتلىقلار ئەترىتى، قاسىراق قۇرت ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئەركەك - چىشلىرىنىڭ تەن شەكلىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ؛ چىشى قۇرت قاناتسىز، يۇمىلاق، دۈمبە قىسمى تومپايغان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 9.3 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 2.3 مىللىمېتىر، جىگەر رەڭدىن قوڭۇر رەڭگىچە بولۇپ، تېنىدە زىچ ئۆسكەن ئاق تىۋىت تۈكچىلىرى بولىدۇ. ئەركەك قۇرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2 - 5.2 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 6.0 - 95.0 مىللىمېتىر، باش، كۆكرەك، قورساق قىسىملىرىنىڭ چېگرىسى ئېنىق، بېشى كىچىك شار شەكىللىك، كۆكرىكى كەڭ، قورساق قىسمى ئۇزۇنراق، قاناتلىق ياكى قاناتسىز بولىدۇ. ھايات تارىخىمۇ ئەركەك، چىشىسىنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ، ئەركەك قۇرت تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدۇ، چىشى قۇرت قورچاق دەۋرىدىن ئۆتمەيدۇ. بىر يىلدا بىر ئەۋلاد چىشى قۇرت ھالىتىدە قىشلايدۇ. ئەركىكى ئىككى ئۆزگىرىشلىك لىچىنكا پارازىت ئىگىسى بولغان ئۆسۈملۈكتە (بۇرجۇن ۋە ئەرمودۇن دەرىخى قاتارلىقلار) شاخ مۇقىملاپ ئاق مۇم ئاجرىتىشقا باشلايدۇ، موم تېنىنىڭ سىرتىدىكى موم تۆشۈكلىرىدىن ئاجرىلىپ چىقىپ گەۋدىسىنى ئورايدۇ، چوڭلىرىنىڭ دىئامېتىرى 11 مىللىمېتىر، ئېگىزلىكى توققۇز مىللىمېتىرگە يېتىدۇ، ئالدىنقى قورچاق دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن قايتا موم ئىشلەپچىقارمايدۇ. ئاق موم يۇقىرى مولېكۇلىلىق ھايۋانات مومى بولۇپ ئاپئاق، پۇراقسىز، تەمسىز، سىلىق - پارقىراق، قاتتىق ھەم چۈرۈك بولۇپ ئېرىش نۇقتىسى 28 - 83 سىلتسىيە گرادۇس بولىدۇ. ھىم ئېتىش، نەملىك ۋە داتلىشىشتىن ساقلاش، ئۇزاق مۇددەتكىچە چىرىمەيدىغان، مۇسكۇل ئۆستۈرۈش قاتارلىق روللارغا ئىگە بولۇپ، ھەربىي سانائەت، يېنىك سانائەت، خىمىيە سانائىتى ۋە دورىگەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ئەمگەكچى خەلقى 8 - ئەسىردىلا ئاق موم قۇرتىنى بېقىپ ئاق موم ئىشلەپچىقىرىشنى بىلگەن. ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش رايونى چاڭجياڭ ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى جايلارغا تارقالغان. سىچۇەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئەڭ كۆپ.