Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇشتەرى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سېتىۋالغۇچى، خېرىدار:
ئوڭاي يۇلتۇزى. يۇپىتېر:
كى تەئرىف ئەيلەدىڭ كۆپ باغ ئارا غۇنچە كۆرۈپ ئۇنى،
سەھەر يېڭى ئېچىلغان غۇنچەلەرگە مۇشتەرىدۇر مەن.
بىلال نازىم.
2. ئاتارىد، مۇشتەرى، جەۋزاۋۇ بەھرام،
زۇھەل، سەرتان بىلە زۇھرايى خۇش فام.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سېتىپ ئالغۇچى، خېرىدار، ئالدىغان كىشى: گېزىت مۇشتەرى - گېزىت ئېلىپ ئوقۇغۇچى؛ بىر يۇلتۇزنىڭ ئېتى(يۇپىتېر). شېئىردا مۇنداق كەلگەن: ناگھان چىقتى ھەرەمدىن جىلۋە ئەيلەپ دىلبىرى، شۇئلىسى چۈشتى جاھانغا شەمىس دەريا مۇشتەرى.(نۆبىتى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گېزىت - ژۇرنال ۋە باشقا ئىشلىنىدىغان نەرسىلەرگە ئالدىن مۇددەتلىك پۇل تۆلەپ، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلاردىن پايدىلىنغان كىشى.
<مۇشتەرى> كۆپىنچە گېزىت - ژۇرناللارغا يېزىلىشقا قارىتىلىدۇ.
<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى> نىڭ مۇشتەرىلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئۈرۈمچى گاز بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئابۇنىتلارغا ھەر بىر گاز تۇڭىنىڭ باھاسى ئۆسكەنلىكى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
گېزىت، ژۇرنال، كىتاب قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالغۇچى؛ خېرىدار، ئابۇنىچى.
مۇشتەرى بولماق.