Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
ئازوللا
بىئولوگىيە
满江红
mǎnjiānghóng
ئازوللا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈك بولۇپ تېنى كىچىك، ئۈچ بۇرجەك بولىدۇ. يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ. پەيسىمان شاخلىنىدۇ، ئىنچىكە يىلتىزى سۇ ئاستىغا قاراپ ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى كىچىك، سېپى يوق، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، كاھىشسىمان تىزىلىدۇ، نەشپۈتسىمان، قىيپاش كۋادراتسىمان ياكى تۇخۇمسىمان بولىدۇ، يوپۇرماق گىرۋىكى تولۇق بولۇپ، يېرىلىپ ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى ياپراققا ئايرىلىدۇ؛ ئۈستۈنكى ياپرىقى گۆشلىشىدۇ. يېشىل رەڭلىك (كۈزدە قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ) بولۇپ سۇ يۈزىدە فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدۇ، ئۈستۈنكى يۈزىدە ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە، ئاستىنقى يۈزىدە بوشلۇق بولىدۇ، تەركىبىدە يېلىمسىمان ماددا بىلەن كۆك يۈسۈنلەر ئورتاقلىشىپ ياشايدۇ؛ تۆۋەندىكى ياپرىقى سۇغا چىلىشىپ تۇرىدۇ، پەردىلەشكەن بولۇپ، تەڭگىچىگە ئوخشايدۇ. سپورا مېۋىسى شاخچىنىڭ تۈۋىدىكى سۇغا چىلىشىپ تۇرىدىغان يېرىقچە ياپراقچىسىدا جۈپلىشىپ ئۆسىدۇ، چوڭ سپورا مېۋىسى كىچىك، ئۇزۇن تۇخۇمسىمان بولۇپ، ئىچىدە بىر تال چوڭ سپورا خالتىسى ۋە بىر تال چوڭ سپورا بولىدۇ. كىچىك سپورا مېۋىسى چوڭ ھەم شارسىمان بولۇپ، ئىچىدە كۆپ ساندا كىچىك سپورا خالتىسى بولىدۇ، ھەر بىر كىچىك سپورا خالتىسى ئىچىدە 64 تال كىچىك سپورا بولىدۇ. چاڭجىياڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە تارقالغان؛ چاۋشيەن، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بولىدۇ. يۈسۈن بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشايدۇ. بۇ شالنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېشىل ئوغۇتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ يەنە يەم - خەشەك قىلىنىدۇ، تەر چىقىرىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، يەل ۋە نەملىكنى ھەيدەش، جاھىل تەمرەتكىنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۆسۈملۈك
满江红
mǎn jiāng hóngDئۇنىۋېرسال
红浮萍
hóng fú píng