Uyghurئاساسىي لۇغەت
يارىماس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچ ئىشقا، ئىستېمالغا يارىمايدىغان، سۈپىتىنى يوقاتقان.
يارىماس گەپنى تىلىڭدىن كۆرمە، دىلىڭدىن كۆر. ياخشى بولغىن، ھەتتا دۈشمىنىڭ ئاسان سېنى دېيەلمىسۇن، يارىماس - يامان. سۆزۈڭدەك بولمىسا، ئۆز ھەرىكىتىڭ، بولمىغۇر لاپتۇر ھەممە نەسىھىتىڭ. بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، قاپ - قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم. ئەرزىمەستە ئارمان يوق. ھاراق ئىچىش باش ئاغرىتىشقا ئەرزىمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
يارىمايدىغان، كېرەككە كەلمەيدىغان، ياراقسىز، يارامسىز.
يارىماس ئەسۋاب، يارىماس پالتا.
كۆچمە. يامان، ناچار، قەبىھ.
يارىماس ئىش، يارىماس ئىللەت.
ئىختىيارسىز ھالدا ئۆتكەنكى يارىماس قىلىقلىرىم كۆز ئالدىمدىن بىر - بىرلەپ ئۆتۈپ، قەلبىمنى خىجالەتچىلىككە سالاتتى.