—مەنبە
سۆھبەت
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
نازۇ نېمەتلىك ياز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ھويلىدىكى بىر تۈپ ئۆرۈك دەرىخى ئۈستىدىكى ئالتۇندەك ساپسېرىق ئۈرۈكلەر ھەسەلدەك پىشىپ يېتىلگىنىدىن مەمنۇن بولۇپ، يېشىل ياپراقلارغا:
- بىزنىڭ مېۋە بولۇپ يېتىلىشىمىز، سىلەرنىڭ بوران، يامغۇرلاردا بىزگە دالدا بولۇپ، بىزنى ئاسرىغانلىقىڭلارنىڭ نەتىجىسى، بىز سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز، - دەپتۇ.
ياپراقلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ شىۋىرلىشىپ كېتىپتۇ - دە، مېۋىلەرگە:
- رەھمەت ئېيتىش توغرا كەلسە شاخقا ئېيتساڭلار بولىدۇ. شاخ سىلەرگە ئۆز ئۈستىدىن ئورۇن بەرمىگەن بولسا، قانداقلارچە بۇ ھالەتكە يېتەتتىڭلار؟ - دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان شاخلار:
- بۇنداق دېسەڭلار توغرا بولمايدۇ، غولنىڭ خىزمىتى ھەممىدىن ئارتۇق. ئۇ بىزنى باتۇر، كۈچلۈك تېنى بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرمىغان بولسا، ھېچقايسىمىز مەۋجۇت بولالمايتتۇق. شۇڭا رەھمەتنى غولغا ئېيتىشىمىز كېرەك، - دەپتۇ.
غول بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە گەۋدىسىنى تىك تۇتقان پېتى تەمكىنلىك بىلەن سۆزلەپتۇ:
- ھېچقايسىڭلار كىمگە رەھمەت ئېيتىش كېرەكلىكىنى بىلمىدىڭلار. يىلتىز بىزگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىپ، تەبىئەت دۇنياسىدا قەددى - قامىتىمىزنى تىك تۇتۇپ تۇرۇشىمىزغا ئىمكانىيەت ياراتتى، رەھمەت ئېيتىش توغرا كەلسە، يىلتىزغا رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ، - دەپتۇ.
غولنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن يەر ئاستىدىن پەس بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، يىلتىز سۆزلەشكە باشلاپتۇ. ھەممەيلەن دىققەت قىلىپ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق ساپتۇ:
- مېنىڭ سىلەرگە سۇ، ئوزۇق يەتكۈزۈپ بەرگىنىم راست، لېكىن مەن بۇنى قەيەردىن ئالدىم؟ زېمىندىن ئالدىم، شۇڭا رەھمەتنى زېمىنگە ئېيتىشىمىز كېرەك.
زېمىن بۇ گەپكە قارىتا مۇنداق دەپتۇ:
- دېھقانلار سىلەرنى تىكىپ پەرۋىش قىلدى. ئەگەر ئۇلار تەر ئاققۇزمىغان بولسا، سىلەر قانداقمۇ بۇ قەدەر يوغان، مېۋىلىرى بولۇق، سالاپەتلىك دەرەخ بولالايتتىڭلار؟ سىلەر رەھمەتنى دېھقانلارغا ئېيتىشىڭلار كېرەك.
بۇنىڭ بىلەن ئارىدا بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. كېيىن ئۇلار بىر ئېغىزدىن:
- توغرا، دېھقانلارغا رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك ئىكەن، - دەپتۇ.
بۇ چاغدا ئۆي ئىگىسىنىڭ كەتمىنى ھويلىدا ئۆرۈك دەرىخىگە يۆلىنىپ، خېلىدىن بۇيان داۋام قىلغان سۆھبەتنى ئاڭلاپ تۇرغانىكەن. ئۇ ئوتتۇرىدىكى گەپ - سۆزنىڭ تۈگىشىگە ئۇلاپلا:
- مەنمۇ قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي، - دەپ گەپ باشلاپتۇ. يوپۇرماق، شاخ، غول، يىلتىز، زېمىن كەتمەنگە قارىشىپتۇ.
- پىشىپ يېتىلگەن مېۋىلەر يالغۇز بىرىڭلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ كەتمەن، - ئۇ ھەر قايسىڭلارنىڭ ئالاھىدىلىكىڭلارغا ئاساسەن ئۆز رولىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئارا ماسلىشىش ئارقىلىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىڭلارنىڭ ۋە دېھقان ئەجرىنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن نەتىجە ۋە رەھمەت ھەممىڭلارغا مەنسۇپ.
زېمىن، يىلتىز، غول، شاخ، يوپۇرماقلار بۇ گەپتىن ئۆزلىرىنىڭ بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ، تېخىمۇ گۈللەپ ياشناپ، مول مېۋە بېرىش نىيىتىگە كەپتۇ.