Uyghurئاساسىي لۇغەت
بەك
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
چىڭ، پۇختا، مەزمۇت، مۇستەھكەم، پىششىق.
مۈشۈكنىڭ جېنى بەك دېگەن گەپ بار. * يەپ تۇر، بەك تۇر (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
ناھايىتى، ئىنتايىن، قالتىس، ئالاھىدە، تازا راسا.
بەك ياخشى، بەك قاتتىق، بەك ئۇزۇن، بەك چاپماق، بەك كۈلمەك.
كىشىنى رەنجىتىش ئاجايىپ ئاسان،
كۆڭلىنى ئالماق بەك جاپا - يامان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنى ياسايدىغان دەرىجە رەۋىشلىرى.
ئەڭ مۈشكۈل كەسىپ كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. ناھايىتى چوڭ ئىشلارمۇ كىچىك ئىشلاردىن چىقىدۇ. ئىنتايىن زۆرۈر بولمىسا، ئۇرۇشتىن توختاپ سۈلھ تۈز. مەردلىك ئەمەس، شەكسىز، جاھىل ھاياجان، يەرگە يىقىلغاننى تەپمەك بەك ئاسان. بۈگۈنكى ئويۇن تازا قىزىدى. مېنىڭسىز ئىشلىرى يۈرۈشەر تازا، بىرەر سۆز قىلىشىم ياراشماس ئاڭا. ئادەمنىڭ راسا كەمتەر ۋاقتى ئۇلۇغلۇققا تازا يىقىنلاشقان چېغى. بۇ بالا يامان ياخشى بالا ئىكەن. ئەجەب ياخشى بوپتۇ، بۇرنۇڭغا سۇ كىرىپتۇ. گاداينىڭ ئۇيقۇسى ئاجايىپ قاتتىق. ھايات _ قالتىس ھۈنەر. زەپ چىرايلىق كەلدى باھار. غايەت زور نەيىجە ياراتساڭمۇ مەغرۇرلارنما. مەن ئۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈزۈلۈشى ياكى ياسىلىشى جەھەتتىن چىداشلىق.
يۇمشاق، بوش ، نازۇك
تۈزۈلۈشى ۋە ياسىلىشى جەھەتتىن چىدامسىز.
باش تاشتىن چىڭ ئەمەس. يەپ تۇر، بەك تۇر. ئاغزى يۇمشاق گۆش يەپتۇ، ئاغزى قاتتىق مۇشت. قاتتىق چىش سۇنار، يۇمشاق تىل قالار. قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەر. قاتتىقتىن چىش ئاغرىسا، يۇمشاقتىن ئىچ ئاغرىيدۇ. موللام پۇلنى دوست تۇتماس، تۇتسا بوش تۇتماس. ئۈچ ئۆرۈمە ئارغامچا پىششىق بولار. قۇلۇپتىن ئاچقۇچ پۇختا. قوتىنىڭ مەھكەم بولسا، بۆرە كىرەلمەس. ئادەم تاشتىن قاتتىق، گۈلدىن نازۇك.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بەك، چىڭ.
بەك نەڭ _ بەك نەرسە.
1 - 435
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ساغلام؛ بەك؛ چىڭ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاسراش؛ ساقلاش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ناھايىتى ، ئالاھىدە، ئىنتايىن، قالتىس، تازا، راسا .
بەك قاتتىق. بەك ياخشى . بەك چاپماق. بەك خارلانغان .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
چىڭ، پىششىق، مەزمۇت، مۇستەھكەم .
جېنى بەك .
يەپ تۇر ، بەك تۇر (ماقالە)