Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
安土桃山时期
دۇنيا تارىخى
ئازۇچى - موموياما دەۋرى
ياپونىيىدە توبۇماگا، تويوتومى خدېيوشى ھوقۇق تۇتقان دەۋر. موروماچى شوگناتى ئاغدۇرۇلغان (1573) دىن تارتىپ توكۇگاۋائىيا سۇياتلارغا قارشى جازا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇنلۇق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانغا قەدەر (1603) جەمئىي 31 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توبۇماگانىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى چىكائى (ھازىرقى شىگا ناھىيىسى) نىڭ ئازۇچى شەھىرىدە بولغانلىقى، تويوتومى خدېيوشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى كىتونىڭ موموياما (فۇشىمى) شەھىرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ھەر ئىككىسى فېئودال خوجىدار بولۇپ، ھوقۇق تۇتقان مەزگىللەردە شوگانت قۇرماي، كۆرۈنۈشتە پەدىشاھنى ھۈرمەت قىلغاندەك تۇرسىمۇ ئەمەلىيەتتە سامورايلاr ھاكىمىيىتى ئىدى. توبۇماگا زومىگەرلىك تالىشىش كۈرىشى جەريانىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. تويوتومى بۇ ئاساستا پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. تويوتومى يەرلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، قورال - ياراقلارنى تەكشۈرۈش، سودا - سانائەتنى رىغبەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇپ، قورۇق تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشىنى، پۇل ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى، شەھەرلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ۋاقتى گەرچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، لېكىن ياپونىيە فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.