Uyghurئاساسىي لۇغەت
نا رۇڭجاڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1900 - 1971) جۇڭگودىكى مۇددەرىس، پىداگوك، يۈننەن خېشى (ھازىرقى تۇڭخې) ناجايىڭدىن، خۇيزۇ 1928 - يىلى يۈننەن باۋشەندە ئىسلام ئوتتۇرا مەكتىپى ئاچتى. 1942 - يىلى شىنجەن ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئېچىپ، يېڭىچە مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى مەدرىسە تەربىيىسىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دىنىي تەربىيە ئەمەلىيىتىنى يېڭىلىدى. دەرسلەرنى خەنزۇچە، ئەرەبچە ئۆتۈپ، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، فىزىكا، مۇزىكا، تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلىرىنى تەسىس قىلىپ، يۈننەنگە نۇرغۇن ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. ئازادلىقتىن كېيىن، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دلى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. <>قۇرئان كەرىم< توغرىسىدا لېكسىيە>، <ئىسلام تەلىماتى>، <مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى>، <يۈننەن ئىسلام تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى