Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
查理十二世
دۇنيا تارىخى
كارل ⅡⅩ
(1655 - 1718) شۋېتسىيە كورۇلى (1697 - 1718). كارل Ⅺ نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىللىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، باج كىرىمىنى كۆپەيتكەن، ئۈزلۈكسىز تۈردە سىرت بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان. 1700 - يىلى روسىيە، دانىيە، ساكسونىيە ۋە پولشا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، شۋېتسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، شىمال ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، كارل ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا دەسلەپ دانىيىنى سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبورلىغان كېيىن ئارمىيىنى باشلاپ نارۋا دېگەن جايدا ئىمپېراتور پېتىر قوماندانلىقىدىكى روسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 1701 - 1706 - يىللىرى ئىمپېراتور سايلىغۇچى ئاۋگۇست باشچىلىقىدىكى ساكسونىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ غەلىبە قازىنىپ، پولشانى شۋېتسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. 1707 - 1708 - يىللىرى روسىيىگە يەنە ھۇجۇم قىلغان. 1709 - يىلى پۇتى يارىلىنىپ ئارمىيىگە ئۆزى قومدانلىق قىلالمىغانلىقتىن پولتاۋادا روسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېڭىلىپ قالغان ۋە قوشۇننى باشلاپ تۈركىيىدىن ياردەم سوراش ئارقىلىق شۋېتسىيىنىڭ كۈچلۈك ئورنىنى يېڭىۋاشتىن تۇرغۇزماقچى بولغان. 1711 - 1712 - يىللىرى تۈركىيە بىلەن روسىيە ئۇرۇش قىلغان، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەپلىشىپ قالغان. 1714 - يىلى كارل تۈركىيىدىن ۋەتىنىگە قايتقان. 1718 - يىلى كۈزدە ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ نورۋېگىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدا قازا تاپقان.