English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Japan
ئۇنىۋېرسال
ياپونىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
Japan
ياپونىيە
كۈن چىقىش دۆلىتى
ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىگە، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. يەر مەيدانى 377 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، خونسيو، خوككايدۇ، كيوسيۇ، سكوكۇ قاتارلىق تۆت چوڭ ئارال ۋە ئەتراپىدىكى 3500 دىن ئوشۇق ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياپونىيە شىمالدىن جەنۇبقا 2400 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە 200 كىلومېتىر كەڭلىكتە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. ياپونىيە تاغلىق دۆلەت بولۇپ، تاغلىق، ئېدىرلىقلار پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ 71% نى ئىگىلەيدۇ. ئۇ يەر پوستىنىڭ ھەرىكەتچان بەلبېغىغا جايلاشقانلىقتىن، يەر تەۋرەش، ۋولقان ھەرىكەتلىرى كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ. فۇجى - ياما چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 3776 مېتىر كېلىدۇ. ياپونىيىنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ گۇۋەندۇڭ تۈزلەڭلىكىنىڭ مەيدانى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياپونىيە بويىچە ئەڭ چوڭ تۈزلەڭلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ياپونىيىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان. ئاھالىسى ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز ئوكيان خاراكتېرلىك موسسۇنلۇق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. بىراق ئۇنىڭ شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي قىسىملىرىنىڭ ئىقلىمىدا زور پەرق بار. 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شىمالدا -10℃، كيۇسيو ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا10℃، 7 - ئايدا شىمالدا 18، جەنۇبىدا 26℃ قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 800-2500 مىللىمېتىر، ئايرىم جايلىرىدا 4000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ياپونىيىنىڭ ئىقلىمى يىللىق مۆتىدىل، ھۆل - يېغىنى مول بولغانلىقتىن، پۈتۈن دۆلەتنىڭ 68% تىن كۆپرەكىنى (1981) ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. دەريالارنىڭ ئېقىنى تېز، سۈيى كۆپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە باي. ياپونىيىنىڭ ئاھالىسى 120 مىليون 208 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ (1985)، مۇتلەق كۆپ قىسمىنى داخې مىللىتى ئىگىلەيدۇ. ئۇلاrدىن باشقا، ئائىنو مىللىتى، چاۋشيەنلىكلەر، جۇڭگولۇقلار بار. تەڭرى دىنى بىلەن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ياپونىيە مەمۇرىي جەھەتتىن توكيو، خوككايدو، ئوساكا، كيوتو بىلەن 43 ناھىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناھىيە دائىرىسىدە شەھەر، يېزا - بازارلارغا بۆلۈنىدۇ. ياپونىيە قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگو بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىپ كەلگەن. ئۇ جايدا مىلادىيە 4 -، 5 - ئەسىرلەردە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت شەكىللەنگەن. ئۇ قۇللۇق، فېئوداللىق تۈزۈملەرنى باشتىن كەچۈرگەن. 1868 - يىلدىن بۇرۇن قالاق دۆلەت ئىدى. 1868 - يىلدىكى مىڭ جى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن كېيىن كاپىتالىزمنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېز ئارىدا تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت بولۇپ قالغان. 1894 - يىلدىن باشلاپ سىرتقا تاجاۋۇزچىلىق قىلىشقا باشلىغان. 1941 - يىلى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى قوزغىغان، 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شەرتسىز تەسلىم بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىقتىسادنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بۇرۇنقى سەۋىيىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرەققىياتى ھەرقانداق كاپىتالىستىك دۆلەتتىن تېز بولغان. ياپونىيە 1968 - يىلدىن باشلاپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئا ق ش، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. ئۇنىڭ سانائەتلىشىش سەۋەىيىسى يۇقىرى، تېخنىكىسى ئۈستۈن، نۇرغۇن سانائەت مەھسۇلاتلىرى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ كېمىسازلىق، ئاپتوموبىل، پولات - تۆمۈر، نېفىت - خىمىيە سانائەتلىرى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا توقۇمىچىلىق، نازۇك ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر ماىنىلىرى، ئېلېكترون سانائىتى مەھسۇلاتلىرى بىلەن باشقا ھەرخىل ماشىنىسازلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى جەھەتتىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ سانائىتى توكيو، يوكوخاما، ئوساشا، جوڭجىڭ، لەيخۇ ئىچكى دېڭىز ياقىلىرى، شىمالىي كيوسيودىن ئىبارەت بەش رايونغا مەركەزلەشكەن. بۇ رايونلار پۈتۈن ياپونىيە يېرىنىڭ 23% نى، ئاھالىسى پۈتۈن ئاھالىنىڭ 10% نى تەشكىل قىلىدۇ. لېكىن پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 70% نى، چوڭ تىپتىكى پولات - تۆمۈر كارخانىسىنىڭ 95% نى، ئېغىر تىپتىكى خىمىيە سانائىتىنىڭ 80% نى ئىگىلەيدۇ. ياپونىيە سانائىتىگە كېرەكلىك خام ئەشيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سىرتتىن ئېلىنىدۇ. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا سىرتقى بازارغا تايىنىدۇ. ياپونىيە تاغلىق دۆلەت بولسىمۇ، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنلىشىش سەۋىيىسى ئۈستۈن، ياپونىيىدە ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىق شال ئۆستۈرۈلىدۇ. شال بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ ئېكسپورت قىلىدۇ. قالغان ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى كۆپ .ەمەس. ئۇنىڭ سەيچىلىك، مېۋىچىلىكى تەرەققىي قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرماقتا. ياپونىيىنىڭ بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بېلىق تۇتۇش جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ياپونىيىنىڭ قاتناش ترانسپورتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، ئۇنىڭ تاشيول، تۆمۈريول تورلىرى ناھايىتى زىچ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۈچ بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك، ئېگىز جاھازىلىق تۆمۈر يول، تاشيول قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. ياپونىيە سىرتقا تاۋا چىقىرىشتا ئېغىر سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى (ماشىنا، پولات، ئاپتوموبىل، پاراخوت) ئاساس قىلىدۇ. بۇلاردىن قالسا خىمىيىۋى تالا مەھسۇلاتلىرى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. خام ئەشيادا نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ.
ياپونىيىنىڭ تولۇق نامى <ياپونىيە دۆلىتى> بولۇپ، ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىغا، تىنىچ ئوكياننىڭ غەربىي شىمالى چېتىگە جايلاشقان ئارال دۆلەت. مۇقەددەس جەڭگىۋار تېننو؟؟ (مىلادىدىن بۇرۇنقى 24 - يىلى ) نىڭ دەۋرىدە، ئۆزى قۇرغان دۆلىتىنى Yamato دەپ ئاتىغان، ياپۇن تىلىدا Yamanنىڭ مەنىسى <تاغ>، to نىڭ مەنىسى <يەر، جاي> بولۇپ، بىرلەشتۈرۈلگەندىكى مەنىسى <تاغلىق جاي> بولىدۇ، بۇ يەر شەكلىگە ئاساسەن بېرىلگەن دۆلەت نامى.شۇنداق قىلىپ <ياماتو> ياپونىيىنىڭ دۆلەت نامى بولغان. مىلادى بىرىنچى ئەسىر ئەتراپىدا، ياپونىيە تىزما ئاراللىرىدىكى ئىپتىدائىي ئورۇقداشلىق جامەسى يىمىرىلىشكە باشلىنىپ، ھەر قايسى ئۇرۇق كاتتىۋاشلىرى ئۆز ئالدىغا بۆلۈنمە ھاكىمىيەت تىكلەپ، ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. بۇ بەگلىكلەرنىڭ ئىچىدە نۇگو دۆلىتى ئەڭ كۈچلۈك ئىدى. مىلادى ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى، تۆتىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرى <كېنكى>؟؟نىڭ ئەتراپىدىكى ياماتوغا پۈتكۈل شىمالىي كىيۇسيۇغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، تەسىر دائىرىسى كانتون رايونىغىچە يېتىپ بارغان<ياماتو دۆلىتى> قۇرۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەينى چاغدا ياپونىيە <ياماتو دۆلىتى> دەپ ئاتالغان. <سۈينامە> دە خاتىرىلىنىشىچە، مىلادى 607 - يىلى ياپونىيە سۈي سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، دۆلەت خېتىدە <كۈن چىقىش يېرى دۆلىتىنىڭ ساماۋى خانى غەربىي خانغا سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ> دەپ يازغان. بۇ <كۈن چىقىش دۆلىتى> نامىنىڭ تۇنجىقېتىم رەسمىي دۆلەت نامى سۈپىتىدە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە كۆرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تايكانىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە 645 - يىلى) ياپونىيىنىڭ 36 - ئەۋلاد پادىشاھى تاكانورى تېننىو (ساماۋى خان)لىق تەخىتكە ئولتۇرۇپ، <تايكا ئىسلاھاتى>؟؟نى ئېلىپ بارغان. ئىسلاھاتتىن كىيىن، ياپۇنىيىدە تاڭ سۇلالىسىغا تەقلىد قىلىنىپ، قېئوداللىق ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن دۆلەت قورۇلغان. بۇرۇنقى ياماتو دۆلىتىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن، يېڭى ھاكىمىيەت دۆلەت نامىنى رەسمى ھالدا <ياپونىيە>دەپ ئاتىغان.بۇ نامنىڭ ياپونىيە دۆلەت ھۆججەتلىرىگە پۈتۈلۈشى بولسا 720 - يىلدىن باشلانغان. شۇ يىلى ياپونىيە خەنزۇ يېزىقىدا (ياپونىيە تارىخلىرى<ناملىق كىتابنى تۈزۈپ چىقىپ، >ياماتو< قاتارلىق كونا ناملارنى >ياپونىيە<قىلىپ ئۆزگەرتىپ كىرگۈگەن. جۇڭگونىڭ تاڭ سولالىسىدىن كېيىنكى تارىخ كىتابلىرىدىمۇ نۇگو دۆلىتىنى ياپونىيە دەپ ئاتاشقا باشلىغان. >كونا تاڭنامە، شەرقىي ياۋلار خاتىرىسى، ياپونىيە<دە: >ياپونىيە نامى نۇگو دۆلىتىنىڭ باشقا نامىدۇر. ئېھتىمال دۆلىتى كۈننىڭ يېنىدا بولغاچ،ياپونىيە دەپ ئاتىغان ياكى نۇگو دۆلىتى ئۆز نامىنى قاملاشمىغان دەپ ھېس قىلىپ، ياپونىيىگە ئۆزگەرتكەن< دەپ خاتىرىلەنگەن. 11 - ئەسىردە كانتوندا مىنا موتو، كانىسدا، تائىرا قاتارلىق ئىككى چوڭ سامۇراي؟؟گۇرۇھى بارلىققا كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن ياپۇنىيىدە ساماۋى خان بىلەن سامۇرايلار ئوتتۇرىسىدا ھوقۇق كۈرىشى باشلىنىپ، 1185 - يىلى مىناموتو جەمەتى تائىرا جەمەتىنى يوقاتقاندىن كېيىن، مەركەز ھاكىمىيىتىنى تىزگىنلىگەن. 1192 - يىلى مىناموتو ئىلورتومۇ ياتلارغا جازا يۈرۈش قىلغۇچى >باش سەركەردە< ئۇنۋانىنى ئېلىپ كاماكورادا سەركەردە بارگاھى قۇرۇپ، ساموراي ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ دىكتاتورلىقىدىكى كاماكورا بارگاھى دەۋرىنى باشلاپ بەرگەن. 1868 - يىلىدىكى مىڭجى يېكىلىققا كۆچۈش ئىسلاھاتىدىن كېيىن، ياپونىيە تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەربىي فېئوداللىق تۈسىنى ئالغان جاھانگىر دۆلەتكە ئايلانغان. 1889 - يىلى ئېلان قىلىنغان مىڭجى ئاساسىي قانۇنى دۆلەت نامىنى >بۈيۈك ياپونىيە ئىمپېرىيىسى< قىلىپ بېكىتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا >بۈيۈك ياپونىيە ئىمپېرىيىسى< تەسلىم بولغان.
ياپونىيىنىڭ يەر كۆلىمى 378 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 130 مىليون بولۇپ، ئاھالىسى زىچ مەملىكەتلەرنىڭ بىرىدۇر. كۆپىنچىسى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى توكيو، پۇل بىرلىكى يىن.
1000نەچچە يۈز يىلدىن بۇرۇنلا قۇياش ياپونىيەبايرىقىنىڭ ئايرىلماس قىسىمىغا ئايلانغان. ئاسيانىڭ ئەڭ شەرقى، تىنىچ ئوكياننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بۇ دۆلەتنىڭ نامى <> كۈنچىقىشتىكى دۆلەت<>، قۇياش كۆتۈرۈلگەن جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. رىۋايەتتە ياپۇنىيە قۇياش ئىلاھى تەرپىدىن يارالغانىكەن، تەڭرىقۇت قۇياش ئىلاھىنىڭ ئەۋلادى ئىكەن. ياپونىينىڭ قۇياش بايرىقى ياپونىيلىكلەرنىڭ قۇياشقا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ياپۇنىيە غايىسىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. مىلادىيە 8- ئەسىردە، ياپونىينىڭ پادىشاھى تايخو ھەر يىلى خان سارىيدا يېڭى يىللىق مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە قۇياش بايرىقىنى ئاسقانىكەن. شۇ چاغلاردا قۇياش بايرىقى <> خان بايرىقى<> دەپ ئاتالغان. خان ۋە خان جەمەتىنىڭ مەخسۇس بەلگىسى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرنى يۇرتالايدىغان قۇياشنى پادشاھىغا سىمۋول قىلغان. كېيىن ياپونىينى بىرلككە كەلتۈرگەن تويوتومى ھىدېيۇشى ئىككى قېتىم چاۋشىيەنگە ئەسكەر چىقارغاندا ھەربىي پاراخوتقا قۇياش بايرىقىنى ئاسقان، بۇ ياپۇنيە قۇياش بايرىقىنىڭ تۇنجى قېتىم سىرتقا قارىتا ئشلىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پايۇنىيە بېكىنمىچىلىكىنى تۈگتۈپ، ئىشكنى سىرتقا ئېچىۋەتكەندىن كىيىن سىرتقا قارىت ئۆز دۆلىتىن بىلدۈرىدىغان رەسمىي بايراق لازىم بولغاندا، قىزىل قۇياش سىزلغان تېگى ئاق بايراقنى ياپونىيە پاراخوتلىرى دېڭىزدا ساياھەت قىلغاندا ئىشلىتىلدىغان بايراق قىلغان. 1870- يىلى ياپونىيە پادىشاھى رەسمىي پەرمان چىقىرىپ، قۇياش بايرىقىنى دۆلەت بايرىقى قىلغان. بايراقنىڭ ئاق تېگەى مۇقەددەس، تىنچلىق، پاكلىق ۋە ھەققانىيەتنىڭ سىمۋولى، قىزىل قۇياش سەمىمىي، قىزغىن، ھاياتىي كۈچ ۋە مۇھەببەتنىڭ سمۋولى بولغان.
ياپونىيە دۆلەت گېربى خان جەمەتىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ياپونىيە پادىشاھى ۋە پادىشاھ جەمەتى ئىشلىتىدىغان جابدۇق ۋە سايمانلاردا دائىم بۇ بەلگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.ئوخشاش 16 تال گۈل بەرگىدىن تۈزۈلگەن ئالتۇن رەڭلىك جۇخار گۈلى ئاددىي، نازۇك ۋە كۆركەم بولۇپ، ئەنئەنىۋى شەرق مەدەنىيەت روھىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن.