Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
لامارك
دۇنيا تارىخى
拉马克
lā mǎ kè
(1744 - 1829) فرانسىيەلىك تەبىئەتشۇناس، جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە دىنىي تەربىيە ئالغان. 17 يېشىدا ئارمىيىگە قاتنىشىپ پودپورۇچىكلىككە كۆتۈرۈلگەن. 1766 - يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ھەربىي خىزمەتتىن بوشانغاندىن كېيىن دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن ھەمدە خىمىيە، فىزىكا، ھاۋارايى ئىلمى ۋە بوتانىكا قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگەنگەن. 1779 - يىلى خانلىق تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە كىرگەن. 1781 - 1782 - يىللىرى ياۋرۇپانى ساياھەت قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى مۇزېيلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. خانلىق باغچىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 1788 - يىلى يەنە بوتانىكا ئۇستازى بولغان. 1793 - يىلى تەبىئەت تارىخى مۇزېيىنىڭ ئومۇرتقۇسىز ھايۋاناتلار بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1809 - يىلى ئۆزىگە خاس تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. كېيىن ئۇ لامارك تەلىماتى دەپ ئاتالغان. ئەينى ۋاقىتتا كەڭ تارقالغان تاسادىپىي ھالاكەتلىك ئۆزگىرىش نەزەرىيىسى ۋە تۈرلەر ئۆزگەرمەيدۇ نەزەرىيسى بىلەن بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تەلىماتى بىئولوگىيىلىك تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتىغا نىسبەتەن زور تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ۋېسمان (1834 - 1914) ئىرسىيەت ئىلمىي ئېقىمىنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشقا دۇچ كەلگەن. <فرانسىيە ئۆسۈملۈكلىرى تەزكىرىسى>، <ئومۇرتقۇسىز ھايۋاناتلار سىستېمىسى>، <ھايۋاناتلار پەلسەپىسى>، <ئۇمۇرتقۇسىز ھايۋاناتلارنىڭ تەبىئىي تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
拉马克
lā mǎ kè