Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
لاپلاس
دۇنيا تارىخى
拉普拉斯
lā pǔ lā sī
(1749 - 1827) فرانسۇز ئاسترونوم، ماتېماتىك ۋە فىزىك. 18 يېشىدا دالامبېر ئۇنىڭ ماتېماتىكا قابىلىيىتىدىن زوقلىنىپ، ئۇنىڭ پارىژ ھەربىي مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى بولۇشقا تونۇشتۇرغان. 1799 - يىلى ناپولېئوننىڭ قول ئاستىدا قىسقا ۋاقىت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1803 - يىلى ئاقساقاللار پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1815 - يىلى ليۇدۋىك ⅧⅩ تەرىپىدىن ئاقسۆڭەك مەرتىۋىسى بېرىلگەن. 1817 - يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. سۇ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى توغرىسىدىكى نەزەرىيە، كۆيۈش توغرىسىدىكى نەزەرىيە، ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىپ قالماي، بەلكى ئاسترونومىيە جەھەتتە مۇھىم تۆھپە قوشقان. نيۇتۇننىڭ ئالەمنىڭ تارتىشىش نەزەرىيسىنى پۈتۈن قۇياش سىستىمىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىغا تەتبىقلاپ، سەييارىلەر ئايلىنىشىنىڭ مۇقىملىقىنى بايقاپ، يۇپىتېر بىلەن ساتورىننىڭ تەرتىپسىز ئايلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ يەنە قۇياش سېستىمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تۇمانلىق توغرىسىدىكى قىياسىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە>، <ئالەم سېستىمىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە>، <ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسى>، <ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى پەلسەپىسى> قاتارلىقلار بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
拉普拉斯
lā pǔ lā sī