English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Armenins
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئەرمەنلەر
ئەرمەنلەر جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى ئەرمەنىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 6 مىليون 300 مىڭدىن كۆپرەك. ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 3 مىليوندىن كۆپرەكى ئەرمەنىستان جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان؛ ئۇلار جۇمھۇرىيەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 93 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسمى گىروزىيە، ئەزەربەيجان ۋە شىمالىي كاۋكاز رايونىغا ۋە روسىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا(700 مىڭ)، فىرانسىيە(200 مىڭ)، ئىران (200 مىڭ)، لىۋەن (180 مىڭ)، تۈركىيە (150 مىڭ)، سۈرىيە (160 مىڭ)ئىئوردانىيە، پەلەستىن، مىسىر، بۇلغارىيە، رۇمىنىيە، گرېتسىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ نەچچە مىليونلىغان ئەرمەن مۇھاجىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
ئەرمەنلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ غەربىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى مۇستەقىل ئەرمەن تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرمەن تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ Ⅳ - Ⅴ ئەسىردە گرېك ۋە ئەرەم يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار. گرېك ۋە ئەرەم يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقى بار.
ئەرمەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى خرستىئان دىنىغا، ئاز بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئەرمەنلەر دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، قىزىلچا، تاماكا ۋە چاي ئۆستۈرىلىدۇ، باغۋەنچىلىكىمۇ خېلى راۋاجلانغان بولۇپ، ئاساسەن ئۈزۈم، مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئۆستۈرىلىدۇ، چارۋىچىلىقى قوي، كالا - ئات باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
ئەرمەنلەر جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا ياشاپ كەلگەن قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅹ- ئەسىرلەردە ئالماتان دۆلىتىنى، Ⅸ ئەسىرلەردە ئورارتو دۆلىتىنى بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅴ ئەسىردىن باشلاپ ئورارتو، سىكىف ۋە كىممىرىئان قاتارلىق قەدىمكى قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئەرمەن قوۋمى بولۇپ ئۇيۇشقان.
ئەرمەنلەر ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە. ئەرمەنلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆي - جايلىرى تاش، كېسەكتىن چاسا شەكىلدە مۇنارسىمان قىلىپ سېلىنىدۇ؛ چارۋىچىلىق رايونىدىكىلىرى ئاساسەن ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان كىگىز ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. ئەرمەنلەر ئۆيلىرىنى زىلچا - گىلەم قاتارلىقلار بىلەن بېزەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ئەرمەنلەر ئەرلىرى ئۇچىسىغا كەڭ پەشلىك تونچە چاپان، ئېغى كەڭ پۇشقاقلىق شالۋۇر، بېشىغا كېگىز قالپاق ياكى شىلەپە، پۇتىغا ئۆتۈك كېيىدۇ؛ ئاياللىرى ئۇزۇن پۈرمە كۆڭلەك ياكى يوپكا، كانۋالىق كوپتا كېيىپ، بېلىنى پوتا بىلەن باغلىۋالىدۇ، بېشىغا ئېگىز مۇنارسىمان قالپاق كېيىدۇ؛ بىلەيزۈك، ئۈزۈك، ھالقا، مارجان قاتارلىق زىننەت بويۇملىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەرمەنلەرنىڭ مىللىي تائاملىرى مېزىلىك كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈزۈم يوپۇرمىقىغا ئوراپ پىشۇرىدىغان مانتىسى بىلەن ئەنئەنىۋى مىللىي تامىقى پۈتۈن قوي تونۇر كاۋىپى بولۇپ، ئۇنى ئاچچىق - چۈچۈك، دورا - دەرمەكلەر ۋە ئانار شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىدۇ،تەمى ئالاھىدە مېزىلىك بولىدۇ، غىزادىن كېيىن چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەرمەنلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن يازما ئەدەبىياتى خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، مىللىي ئازادلىق مۇستەقىللىق يولىدا كۈرەش قىلغان قەھرىمانلارنى مەدھىيلەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان <ئاراگېخېىتسگ>،<ساسناتس - لىل> قاتارلىق ئېپوس، چۆچەك ۋە غەزەللىرى كەڭ تارقالغان.
ئەرمەنلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيىت - بايراملىرى ئىچىدە ئاسكېنىئون (ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئەرسكە چىقىش) بايرىمى بىلەن سۇ چېچىش بايرىمى بىر قەدەر داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ.
ئەرمەنلەر توي مەرىكىسى كۈنى، يىگىت - قىزغا يېڭىلا قاسقاندىن ئېلىنغان قىزىق مانتا ياكى بولكا بېرىدۇ، بۇ ئۇلارغا باياشاتچىلىق، مەڭگۈ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكسىز قالماسلىقنى تىلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، قىز يىگىتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، قىزغا قورچاق تەقدىم قىلىدۇ، بۇ، يىگىت قىزنىڭ بالدۇرراق پەرزەنت كۆرۈشىنى تىلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەرمەنلەر ئۆزگىچە يىلنامە قوللىنىدۇ، ئەرمەن يىلنامىسىنى مىلادى يىلنامىسى بويىچە ھېسابلىغاندا 552 - يىل 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنىنى يېڭى بىر يىلنىڭ باشلىنىشى قىلىدۇ.