Uyghurئاساسىي لۇغەت
رائېتىيە
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى جاي نامى. ئۇ شەرقتە نورىكۇم بىلەن، غەربتە ھېلۋېتلار تۇرۇشلۇق رايون بىلەن تۇتاشقان، جەنۇبىي ئالپ تېغىنى شىمالىي ئىتالىيە بىلەن تەبىئىي چېگرا قىلغان، ئۇنىڭ شىمالى بىلەن دوناي دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدا ۋىنداېلىتسىيە (يەنى ھارىقى گېرمانىيىنىڭ بادېن - ۋيۇر تېمبېرگ شتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە باۋارىيە شتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) بولۇپ، ئاساسەن ھازىرقى شېتسارىيە ۋە ئاۋسترىيە تىلور رايونىنىڭ كۆپ قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ رايوننىڭ قەدىمكى ئاھالىسى رائېتىلار بولۇپ، ئۇلار ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمدىن كۆچۈپ كەلگەن، دەپ قارىلىدۇ (ئېترۇرىيىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن)؛ كېيىن بۇ رايونغا كۈچلۈك، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر كېلىتلار باستۇرۇپ كىرگەن. ئىمپېراتور ئاۋگۇستۇس (ئوكتاۋىيان) تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، يەنى مىلادىدىن 15 يىل ئىلگىرى رىملىقلار ۋىنداېلىتسىيىنى بويسندۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى رائېتىيە ئۆلكىسىگە قوشقان، مەلۇق ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇنى يەنە بىرىنچى رائېتىيە (ئەسلىدىكى رائېتىيە ئۆلكىسىگە توغرا كېلىدۇ) ۋە ئىككىنچى رائىتىيە (ۋىندېلىتسىيىگە توغرا كېلىدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىگە بۆلگەن. رىم ئىپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانىلقى ئاستىدىكى رائېتىيە ئۆزىنىڭ ئۈزۈم ھارىقى بىلەن نام چىقارغان.