Uyghurئاساسىي لۇغەت
كارناي
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ بۇرغا ۋە سۇرنايلارغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان چالغۇ بولۇپ، <بەش خۇ> ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمكى بۇرغىسىنىڭ ئەۋلادىدۇر. ئۇ ئاۋازى بوم، ھەشەمەتلىك، ھەيۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن <نەرە> دەپمۇ ئاتالغان. كارناينىڭ شەكلى سۇرنايغا ئۇخشىشىپراق كەلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇزۇن، ھەجىمىمۇ چوڭ ياسىلىدۇ. ئۇ دەسلەپتە ياغاچتىن، كېيىن مىستىن ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5.1 - 2 مېتىرغىچە بولىدۇ. بەزىلىرىنىڭ 3 - 4 مېتىرغا يېتىدۇ.
كارناي بۇرغىغا ئوخشاش پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ بولۇپ، ئاۋازى بوم، ھەيۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلكى ياكى بوم - ئىنچىكلىكى تامامەن ئۇنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ۋە ھەجىمىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كارناي چوڭ تىپتىكى كارناي بېشى ۋە ئۈچ تال مىس تۇرۇبىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ. كارناينىڭ ئاۋاز تۆشۈكى بولمىغاچقا، پەقەت بىر نەچچە تەبئىي ئاھاڭنىلا چېلىشقا بولىدۇ.
كارناي دەسلەپتە <چوڭ بۇرغا> دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى جەريانىدا ئەرەب ئەللىرىگە كەڭ تارقالغان. پەقەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىلا، ئاندىن كارناي دەپ ئاتالغان.