Uyghurئاساسىي لۇغەت
مالىشكىن
دۇنيا تارىخى
(1892 - 1938) سوۋېت ئىتتىپاقلىق يازغۇچى. دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتېربۇرگ داشۆسى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1912-يىلدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ يازغان ئەسەرلىرىدىن <دايىلنى ئىشغال قىلىش> دېگەن پوۋېستىدا، قىزىل ئارمىيىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشتىكى باتۇرانە كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن. <سىۋاستىيول> دېگەن رومانىدا، 1917-يىلدىكى ئىنقىلابىي كۈرەش ۋە زىيالىيلارنىڭ ئىدىيىۋى ئۆزگىرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. <نامرات - چەت يېزىدىن كەلگەن كىشىلەر> دە ئورالنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشى مەدھىيىلەنگەن.