Uyghurئاساسىي لۇغەت
ما مالەنيۈەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1841 - 1903)چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۆلىما ۋە مۇددەرىس. يۈننەن شىن شى (ھازىرقى يۈشى) لىق، خۇيزۇ. مۇفەسسىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەرەبچە، پارسچىغا پىششىق. 22 يېشىدا مۇددەرىس بولدى. مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ، تۈركىيە، مىسىر، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ كەلدى. خەنزۇچە، ئەرەبچە تەربىيە تۈزۈمىنى كەشىپ قىلدى. مىڭدىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيىلىدى. بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى يۈننەننىڭ شەرقىي، غەربىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدىكى مەدرىسلەردە مۇددەرىسلىك قىلدى. گۇاڭشۈينىڭ 26 - يىلى (1900) بىرمىغا، كېيىنكى يىلى ھىندىستانغا باردى. ئەرەبچە يازغان ئەسىرى - <تەۋسۇغ> نى بومبايدا نەشر قىلدۇردى. كېيىن ھىندىستاندا ئاغرىپ قېلىپ ئالەمدىن ئۆتتى. مالەنيۈەن ھاياتىدا ئەرەبچە <تەرىقەتۇل ئۇسۇلىل ئەربەئە>، <مىننەتتە سەۋۋۇپ>، <شەرھى ئەقائىد>، <ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى>، <پارس تىلى گرامماتىكىسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. 30 پارە قۇرئاننى باستۇردى. ئۇنىڭ <خەتمە قۇرئاننىڭ تەجىمە ئىزاھاتى> بىلەن ما فۇچۈنىڭ <قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى>، <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خەنزۇچە تەرجىمىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.