Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
ئەرەب ئارمىيىسى
دۇنيا تارىخى
阿拉伯军团
ā lā bó jūn tuán
ئەنگلىيە تەربىيىلىگەن ۋە قوراللاندۇرغان ئىئوردانىيە ئارمىيىسى. ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ تاشقى ئىئوردانىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇستەملىكىچىلىك مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، 1923-يىلى بۇ ئارمىيىنى قۇرغان. ئۇ تەخمىنەن 20 مىڭ كىشىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بەدەۋىيلەرنى ئاساس قىلغان، ھاۋا ئارمىيىسى ۋە ماشىنىلاشقان قىسىملار بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان، ئوفىتسېرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىنگلىزلاردىن ئىدى. 1939 - 1956-يىللىرى ئەنگلىيىلىك گلوب (1897 -) بۇ ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. بۇ ئارمىيە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدىكى بىرقەدەر سەرخىل قوشۇن بولۇپ، قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئىتى ئۈچۈن كۆپ قېتىم جەڭ قىلغان، ئۇ ئىئوردانىيىنىڭ ئاساسلىق قوراللىق كۈچى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئەنگلىيىنىڭ ئىئوردانىيىنى كونترول قىلىدىغان قورالىمۇ بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تاشقى ئىئوردانىيە پادىشاھلىقى مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرگەن (1949-يىلى ئىئوردانىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن)، خەلقنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان. 1956-يىلى 3-ئايدا پادىشاھ ھۈسەيىن (1935 -) گلوبنى قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئىئوردانىيىلىكلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن. ئارمىيىنى ئىئوردانىيە خەلق مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىغا قوشۇۋەتكەن.