Uyghur→Englishئاساسىي لۇغەت
گرېكلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
Greeks
گرېكلار گرېتسىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، <يۇنانلىقلار> دەپمۇ ئاتىلدۇ. ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 11 مىليون 530 مىڭ بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 5.81 پىرسەنتى (8 مىليون 840 مىڭى) گرېتسىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 5.95 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ قالغان قىسمى سىپرۇس (500 مىڭ)، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى (940 مىڭ)كانادا، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋىسترالىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
گرېكلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ بىر قىسمى ئوتتۇرا ياۋروپا دىنارىك (ئالىپ) تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گرېك تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە يېڭى گرېك تىلىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى - گرېك يېزىقى بار.
گرېكلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى (97 پىرسەنتى) پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى كاتولىك دىنى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
گرېكلارنىڭ 28 پىرسەنتى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى (شەھەر نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 65 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ) بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 28 پىرسەنتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، سانائىتىدە مېتاللورگىيە، خىمىيە، كېمىسازلىق، كانچىلىق، توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، قوناق، شېكەر قومۇچى قاتارلىق دانلىق ئاشلىقلار بىلەن كېۋەز، تاماكا، زەيتۇن، ئۈزۈم، ئاپلىسىن قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
گرېكلار يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە ئاساسەن فرانسۇزلار بىلەن تۈركلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان، ئۇلار سوغۇق يېمەكلىك ۋە قورۇلما سەيلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
گرېكلار مېيتنى ساندۇققا سېلىپ يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، دەپنە قىلىش مۇراسىمى ئومۇمەن چېركاۋدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
گرېكلارنىڭ روژېستۋو، يېڭى يىل، پاسخا، ئەيسانىڭ قازاغا ئۇچراش كۈنى قاتارلىق دىنىي، ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا، يېزىلاردىكى گرېكلاردا شەنبە كۈنىنى ئاياللارنىڭ ھوقۇق تۇتۇش كۈنى قىلىپ بەلگىلەش ئادىتى بولۇپ، شۇ كۈنى ئەرلىرى ئۆيدە تاماق ئېتىش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنى زىممىسىگە ئالىدۇ، ئاياللىرى ئەرەنچە ياسىنىپ، ئەرلىرى قىلىدىغان ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىپ، سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، گرېكلاردا يېڭى يىل كۈنى ھەممە ئائىلەردە ئىچىگە تەڭگە سېلىپ، چوڭ - چوڭ تورت پىشۇرىدۇ، تورتنىڭ ئىچىدىكى تەڭگە كىمگە چىقسا شۇ كىشى يېڭى بىر يىلدا بەخت - تەلەيلىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
گرېكلار ئەدەپ - قائىدىلىك ھېسياتچان ۋە مېھماندوسىت كېلىدۇ. گرېكلار قەدىمدىن تارتىپ زەيتۇن دەرىخىنى ئەقىل - پاراسەت، تىنچ - ئامانلىق ۋە دوستلۇقنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ، ئۇنى ئالاھىدە ئىززەتلەيدۇ. گرېكلار قەدىمدىن تارتىپ ئىنتايىن جانلىق ۋە تېتىك مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىر قەدەر كۆپ. بولۇپمۇ قەدىمكى گرېك مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ئولىمپىيىدە ئۆتكۈزىلىدىغان تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى بىلەن دۇنياغا داڭق چىقارغان. گرېكلار ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا، بىر - بىرىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراشنى يامان كۆرىدۇ، گرېكلار ئاق كەشتىلىك كۆڭلىكىگە قول ياغلىق قىستۇرۇۋالىدۇ، بىراق ئۇنىڭ بىلەن بۇرنىنى ئېيتشنى ئېغىر ئالىدۇ. گرېكلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى ئادەتتە ئۆزىنىڭ ئىسمى، ئاتىسىنىڭ ئىسمى ۋە فامىلىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ.
گرېكلاردا ئەل - ئاغىنە، ئەر - خوتۇنلار ئۆزئارا چاقىرىشقاندا پەقەت ئىسمىنىلا ئاتايدۇ، رەسمىي سورۇنلاردا ئىسىم، فامىلىسنى قوشۇپ ئاتايدۇ، ئەربابلارنىڭ ئەمەل ياكى خىزمەت كەسپىگە <ئەپەندى>، <خانىم> دېگەنگە ئوخشاش ھۈرمەت نامىنى قوشۇپ چاقىرىدۇ.