Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
گوركا خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
廓尔喀王朝
kuò ěr kā wáng cháo
نىپال خاندانلىقى. ئەسلى نېپالنىڭ غەربىدىكى گوركا رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1559 - يىلى ھىندىستانلىق راجپۇت بېگىنىڭ ئەۋلادى قۇرغان. ⅧⅩ ئەسىردە قۇدرەت تاپقان. 1768 - 1769 - يىللىرى پرىتۋىي نارايان شاھ (1742 - 7517) مارا خاندانلىقىنىڭ كاتماندۇ، پاتان ۋە بادېگاندىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك بەگلىكىنى يوقىتىپ، كاتماندونى پايتەخت قىلغان. خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى پائال يولغا قويغان. زېمىنى شەرقتە دارجىلىڭىدىن غەربتە كەشمىرگىچە بولغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى بىلەن بىر نەچچە قېتىم جەڭ قىلغان. كېيىن پادىشاھ ھاكىمىيىتى ئاجىزلاشقان. چوڭ ئاقسۆڭەكلەر جەمەتلىرى ئۆز ئارا ئورا كولاپ، ھاكىمىيەت تالاشقان. 1814 - يىلى ئەنگلىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نېپالغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1816 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن <ساگورى شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، زېمىن بۆلۈپ بېرىشكە، ئەنگلىيەنىڭ تۇرۇشلۇق ئەمەلدارنى قوبۇل قىلىشقا، دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئەنگلىيەنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبور بولغان. 1846 - يىلى ئەنگلىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، رانا جەمەتى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. رانا جەمەتى ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە نېپال ئەنگلىيەنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 1923 - يىلى خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلشى ئارقىسىدا، ئەنگلىيە نېپال بىلەن <مەڭگۈ تىنچلىق شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، نېپالنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور بولغان. 1950 - يىلى يەنە <تىنچلىق - دوستلۇق شەرتنامىسى> ئىمزالىغان. 1951 - يىلى رانا جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقان. 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى پادىشاھ ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنىنى ئېلان قىلىپ، پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان.