Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاڭكان
دۇنيا تارىخى
安赞
ān zàn
(1791 - 1824) كامبودژا پادىشاھى (1796 - 1834). گۆدەك ۋاقتىدا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1806-يىلى باڭكوكتا تاج كىيدۈرۈلگەن. دەسلەپ سىيام (ھازىرقى تايلاند) بىلەن ۋيېتنامغا ئولپان تاپشۇرۇپ ئەل بولغان. كېيىن پەيدىنپەي ۋيېتنامغا مايىللاشقان. 1812-يىلى سىيام كامبودژغا بولغان تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەسەر ئەۋەتىپ، ئاڭكاننىڭ ئىنىسى ئاڭنىگوننىڭ پادىشاھ تەختىنى تارتىۋېلىشىنى قوللىغان. ئاڭكان ۋيېتنامدىكى سايگونغا قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى يىلى ۋيېتنامدىكى سايگونغا قېچىپ كەتكەن. ئككىنچى يىلى ۋيېتنامنىڭ ياردىمى بىلەن پايتەختكە قايتىپ كەلگەن. ۋيېتنامغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىن ۋيتنامنىڭ كامبودژىدىكى تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ كەتكەن. 1814-يىلى، سىيام كامبودژىنىڭ غەربىدىكى باتتامباڭ (مادېۋاڭ)، ئاڭكور (سېمرېيات) قاتارلىق ئۆلكىلىرىنى بېسىۋالغان. 1831-يىلى سىيام يەنە بىر نۆۋەت بېسىپ كىرگەن. ئاڭكان ۋيېتنامنىڭ يوڭلوڭ دېگەن يېرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان، كېيىن ۋيېتنام ئارمىيىسىنىڭ قوللىشى بىلەن سىيام ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈپ، تەختنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ۋيېتنام ئاڭكاننىڭ قىزى ئاڭمېينى يۆلەپ پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، كامبودژرىنى تىزگىنلەپ كەلگەن.