Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئادەت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئادەت، ئۆرپە، ئۇدۇم، ئەنئەنە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق يىل داۋامىدا ئۆگىنىپ، كۆنۈپ قالغان تەرتىپ، قىلىق، خۇي.
ئاغرىق قالار، ئادەت قالماس. ئادەت قېرىساڭمۇ كەتمەس، يۇساڭمۇ تۈگىمەس. زامان باشقا، قائىدە قاچان بولسا لازىم. ھەر يەرنىڭ ئۆز يوسۇنى بار. قائىدە - يوسۇننى بىلمەيدىغان ئۆيگە ئايالىڭنى ئاپارما. رىمغا بارساڭ، رىمنىڭ رەسىمىنى ئۆگەن. رەسىم - يوسۇن ئەخلاققا ياتىدۇ. ئوغۇل بالىنى خەتنە قىلماق _ سۈننەت.
پسىخولوگىيە
تەكرارلاش ياكى مەشق قىلىش بىلەن مۇستەھكەملەنگەن ھەمدە ئېھتىياجغا ئايلانغان ھەرىكەت ئۇسۇلى (ياكى قىلىق)، ئۇزۇن مەزگىل شۇغۇللىنىش بىلەن يېتىلگەن ئۆگىنىش ئادىتى. ياخشى ئادەت شەخس بىلەن كوللېكتىپنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، ناچار، يامان ئادەتلەر زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆگىنىپ قالغان ھەرىكەت؛ قىلىق.
ياخشى ئادەت. يامان ئادەت، ئادەت بولۇپ قالماق.
ئادەتنىڭ دورىسى يوق، مەسچىتنىڭ مورىسى يوق (ماقال).
ئاتا - بوۋىسىدىن قالغان ۋە كىشىلەرگە سىڭىپ كەتكەن تەرتىپ؛ قائىدە - يوسۇن، ئەنئەنە، ئۇدۇم.
ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇق ئادىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.
<فىزىئول> ئاياللاردا ھەر ئايدا بىر قېتىم دەۋر قىلىىدىغان بالىياتقۇدا قان ھاسىل بولۇشتىن ئىبارەت فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە (قاناش ۋاقتى ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ).
ئادەت كۆرمەك.