Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەبىئىي زور سۇ ئېقىمى، چوڭ سۇ ئاقدىغان يەر.
تەبىئىي زور سۇ ئېقىمى، سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالما. ھەر ئۆرەننىڭ ئۆز يۆنىلىشى بار. مۈرەن مەڭگۈ توختىماس. قەترە _ قەترە ئۈستىگە جەم بولسا، ئۇ بولغاي نەھىر، نەھىر ئۈستىگە نەھىر كەلسە، بولار دېڭىز ئاخىر. توشقان ئۆگۈز ئۇچتا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
(1) سۇ، (2) ئامان - ئېسەن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىككى ھىدروگېن ئاتومى بىلەن بىر دانە ئوكسېگىن ئاتومىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن، ئەڭ ئاددىي بولغان گىدروكسىدلىك بىرىكمە، يەنى رەڭسىز، تەمسىز، پۇراقسىز سۇيۇقلۇق. ئۇ ئۆلچەملىك ئاتموسفېرا بېسىمى ئاستىدا، نۆل سېلىسيە گرادۇستا مۇز بولۇپ قاتىدۇ؛ 100 سېلىسيە گرادۇستا قاينايدۇ؛ تۆت سلسىيە گرادۇستا زىچلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى بىر (1).
كۆل، دەريا، ئېرىق، ئۆستەڭ قاتارلىقلار.
سۇ بويى.
يېمەك - ئىچمەك، يەل - يېمىش، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار تەركىبىدىكى نەملىك؛ شىرنە.
مېۋە سۈيى.
جانلىق ئورگانىزم ۋە ئورگانلاردىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان سۇيۇقلۇق.
ئېغىزغا سېرىق سۇ كەلمەك، يارىنىڭ سۈيىنى چىقىرىۋەتمەك.