Uyghurئاساسىي لۇغەت
قانلىق قانۇن
دۇنيا تارىخى
15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 16 - ئەسىرگىچە ئەنگلىيە تودۇر سۇلالىسى ئېلان قىلغان، ماكانىدىن ئايرىلىپ تەمتىرەپ يۈرگەن دېھقانلار (سەرگەردانلار)غا زىيانكەشلىك قىلغان پەرمان. ئەينى ۋاقىتتا يەر دائىرىلەش ئەۋجىگە چىققانلىقتىن، زور تۈركۈمدىكى دېھقانلار يەردىن مەھرۇم قىلىنىپ، يۇرت - ماكانىدىن ئايرىلىپ، سەرگەردان بولۇپ كەتكەن. بۇ ھال جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلغان ھەمدە دۆلەتنىڭ باج - سېلىق ۋە ئەسكىرىي كۈچ مەنبەسىگە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن،تۇدور سۇلالىسى 1495 - يىلى سەرگەردانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان تۇنجى پەرمانىنى جاكارلىغان؛ 1536، 1547، 1563 ۋە 1597 - يىللىرى ئارقا - ئارقىدىن مۇشۇنىڭ مەزمونىغا ئوخشاپ كېتىدىغان پەرمانلارنى جاكارلىغان. بۇ پەرمانلار سەرگەردانلارنى ھەرخىل قانلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق جازالىغن. ئۇنىڭدا قامچىلاش، تامغا بېسىش، قۇلىقىنىڭ يېرىمنى كېسىپ تاشلاش، قۇل قىلىپ سېتىش، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىشتەك مەزمونلار بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ياللانما ئەمگەك تۈزۈمى ئۈچۈن زۆرۆر بولغان ئىنتىزامغا ئادەتلىنىشكە مەجبور قىلغان. فرانسىيە - نېدىرلاندىيە قاتارلىق غەربىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىمۇ كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىش دەۋرىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان پەرمانلارنى جاكارلىغان.