Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئادا
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاپەت، بالا - قازا؛ ئارال، جەزىرە: ئارتاغ ياۋۇز ئادالار- ئىنتايىن يامان بىر بالايى - ئاپەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەبئىي ۋە سۈنئىي ھالدا يۈز بېرىپ، ئېغىر زىيان يېتىدىغان قىيىن ئەھۋال.
خۇدا دېگەن يەردە بالا يوق، شال تېرىغان يەردە پولۇ. ئۆزى چىقتى تالاغا، مېنى قويدى بالاغا. ئەقىللىق مىڭ قازاندىن قۇتۇلار، نادان بىر بالاغا تۇتۇلار. بەختتىن بالا - قازا يۈگۈرۈك. بالا - قازا قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا. ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھوشيار بول. يامان خوتۇن جاننىڭ ئاپىتى. تۈلكىگە ئۆز تېرىسى ئاپەت كەلتۈرەر. ئاپەتنىڭ كەينىدە ئامەت بار. كىم ئەگەر ئۆسكەنىكەن نازۇنېمەتتە، ھالى ئېغىر بولار قالسا كۈلپەتتە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇزۇلۇپ _ چېچىلىپ تۈگىمەك، چۈشكۈن، ھالى قىس.
قولۇڭدا خاراب بولمىسا ياۋ ئەگەر، ئۇنى سۇغا چۆكۈرسۇن ئىلمىي ھۈنەر. ئويلىمىغاننىڭ تەكتى ۋەيران، ئىككى خوتۇنلۇقنىڭ ئۆيى ۋەيران. مەن ئىشەنگەچكە كىشلەرگە، سۆزلەرگە ئىشەنچ تىلەپ ئادا بولدۇم.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ئاپەت، بالا - قازا؛ مۇسىبەت؛ كېلىشمەسلىك؛ ② باشقىسى؛ ③ ئېھتىياج
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە - ھادىسىنىڭ ئاخىرى، تاماملىنىش ئىجراسى.
ۋەزىپە ئادا بولماق.
بىز بۇرچىمىزنى ئادا قىلدۇق.
سۈپ. پاكىز، تازا.
ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىدىكىلەر: <بۇغدىيىڭ تازا ئەمەسكەن> دەپ باشقىدىن ئادا قىلدۇردى.