Uyghurئاساسىي لۇغەت
چەندان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆپلىگەن، نۇرغۇن:
بىر قانچە قېتىم، كۆپلەپ:
ھەسسە، باراۋەر:
1. مېنىڭ بىرلە چەندان لىشى بار ئىدى،
مۇھىم ئىشلىرىمدە ماڭا يار ئىدى.
ئا. نىزارى.
2. بۇ مەجنۇن ئۆپكىلەپ يىغلادى چەندان،
قىيامەتغىچە يوقتۇر ئاڭا خەندان.
موللا فازىل.
ئىلاھا، قىلغاسەن بۇ دەھر ئارا ئۇمرىنى جاۋىدان،
بەلەند ئەيلەپ تەقى ھەم شەۋكەتۇ شەئنىنى يۈز چەندان.
مۇھەممەت سادىق قەشقەرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شۇنداق، ئالاھىدە، ھەسسە، كۆپ خىل.
شىۋىلەر
ناھايتى، بەك؛ كۆپ قېتىم. مەسىلەن: مەن چەندان ئېيتتىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
رەۋ. ناھايىتى، ئىنتايىن، بەك، كۆپ.
ئۇلارنىڭ ھال - كۈنى بىزدىن چەندان ياخشى ئىدى.