—مەنبە
شۈ دا
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەخىسلىرى
مىلادىيە1368 - يىلى، مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلىدۇ. شىمالغا قېچىپ كەتكەن يۈەن شۇندى مەغلۇپ بولغىنىغا تەن بەرمەي، باش سانغۇن كۆك تېمۇرنى تەييۈەننىڭ شىمالى ئارقىلىق بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ)غا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. مىڭ قوشۇنىنىڭ باش سانغۇنى شۈ دا (1332 −1385 - يىللار) يۈەن قوشۇنى شىمال ئارقىلىق ھۇجۇم قىلسا، تەييۈەن چوقۇم بوش قالىدۇ دەپ قاراپ، قوشۇننى باشلاپ تەييۈەنگە ئاتلىنىدۇ. كۆك تېمۇر ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بارگاھقا قايتىۋاتقاندا، شۈ دانىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇننىڭ يوشۇرۇن زەربىسىگە ئۇچراپ، نىڭشياغا قېچىپ كېتىدۇ. مىڭ قوشۇنى تەييۈەننى ئېلىپ، سەنشىنىڭ پۈتۈن چېگرىسىنى تىنچىتىدۇ. بۇ، شۈ دانىڭ ھەممە جەڭدە ئىزچىل غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ ئەمەلىي مىساللىرىدىن بىرى.
شۈ دا خاۋجۇ ئايمىقى (ھازىرقى ئەنخۇينىڭ فېڭياڭ شەھىرى)دىن، جۇ يۈەنجاڭنىڭ يۇرتدىشى. ئۇ بالىلىق دەۋرلىرىدىن باشلاپلا، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئىرادىسىگە كەلگەن.22 يېشىدا جۇ يۈەنجاڭغا ئەگىشىپ ئەسكەر بولۇپ، چۇجۇ ئايمىقى (ھازىرقى ئەنخۇينىڭ چۇجۇ ناھىيىسى)، خېجۇ ئايمىقى (ھازىرقى ئەنخۇينىڭ خېشيەن ناھىيىسى)غا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، باتۇرانە جەڭ قىلغان. جۇ يۈەنجاڭ جىچىڭ (ھازىرقى نەنجىڭ)غا قوشۇن كىرگۈزگەندە، ئۇ ئىنتايىن مۇھىم تەدبىر كۆرسەتكەن.1356 - يىلى جۇ يۈەنجاڭ جىچىڭنى ئالغاندىن كېيىن، جىچىڭنىڭ نامىنى يىڭتيەنگە ئۆزگەرتكەن ھەمدە شۈ دانى باش سانغۇنلۇققا تەيىنلىگەن.
شۈ دا بەزى ۋاقىتلاردا بۇيرۇققا بىنائەن يىڭتيەننى ساقلىسا، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا قوشۇننى باشلاپ ھەممە يەردە جازا يۈرۈشى قىلىپ، قىلغانلىكى جەڭدە نۇسرەت قازانغان. ئۇ يىڭتيەننى ساقلاۋېتىپ، چېن يۇلياڭنىڭ ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلغان؛ ھازىرقى جياڭسۇغا جازا يۈرۈشى قىلىپ، جېنجياڭ، چاڭجۇ، جياڭيىن، يىشىڭلارنى ئىشغال قىلغان؛ ھازىرقى جياڭشىغا جازا يۈرۈشى قىلىپمۇ، زور غەلىبىگە ئېرىشكەن. ئۇ قوشۇننى باشلاپ فەنياڭخۇدا چېن يۇلياڭغا قارشى سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ باتۇرانە جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان.1367 - يىلى، ئۇ شەرقتىكى جاڭ شىچېڭغا جازا يۈرۈشى قىلىپ، بىر يىل جاپالىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، پىڭجياڭنى ئېلىپ، جياڭ شىچېڭنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە جۇيۈەنجاڭنىڭ جياڭنەن رايونىنى تىنچىتىشىغا ياردەم بەرگەن. شۇ يىلى شۈ دا جازا يۈرۈشى تۇتقاۋۇل قوشۇنىنىڭ باش سانغۇنلۇقىغا تەيىنلىنىپ، قوشۇننى باشلاپ شىمالدىكى يۈەن سۇلالىسىگە قارشى يۈرۈش قىلغاندا، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە سۈر - توقاي قىلىپ، ھەممە جەڭدە غەلىبە قازانغان ھەمدە2 - يىلى خانبالىق (ھازىرقى بېيجىڭ)نى ئالغان.
شۈ دا قوشۇننى باشلاپ جەڭ قىلىپ، ئاجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتقان. ئۇ ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، دائىم ئۇرۇش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، تەدبىر تۈزەتتى، يەنە قوشۇننى ئىدارە قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئەسكەرلەر بىلەن راھەت - پاراغەت، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولاتتى، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ پۇقرالارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشىنى قاتتىق چەكلەيتتى. ئۇ دۈشمەننى پارچىلاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتى، ئەسىرلەرگە كەڭچىلىك قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزەتتى. شۇنداق بولغاچقا، شۈ دا قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ بار مۇھىم ئەربابقا ئايلانغان.
مىڭ سۇلالىسى دۆلەت قۇرغاندا، شۈ دا دۆلەت قۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان تۆھپىكارلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرغان ھەمدە ئوردىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرلىكىگە، كېيىن ئەركانبەگلىككە تەيىنلەنگەن. ئۇ قاتتىق ئىنتىزامچان، كىچىك پېئىل بولغاچقا، جۇ يۈەنجاڭنىڭ نۇرغۇن ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، «جۇڭشەن بېگى» دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن.