Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇ تۆشۈكى
بىئولوگىيە
بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق ئۇچى ياكى يوپۇرماق گىرۋىكىدىكى يوپۇرماق چىشىنىڭ ئۇچىدىكى سۇ چىقىرىدىغان تۆشۈك. ئۇ ھاۋا تۆشۈكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئىككى دانە قوغدىغۇچى ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ. سۇ ئىككى قوغدىغۇچى ھۈجەيرە ئوتتۇرىسىدىكى ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقدىن چىقىرىلىدۇ، بىراق ھاۋا تۆشۈكىدىن چوڭراق بولىدۇ، كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، دائىم ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدۇ. سۇ تۆشۈكى ئىچىدىكى بىر توپ شالاڭ جايلاشقان نېپىز پوستلاق ھۈجەيرىلەر يوپۇرماق تومۇرىنىڭ ئۇچىدىكى نەيسىمان ھۈجەيرە بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. سۇ نەيسىمان ھۈجەيرىدىن نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىلەر ئارقىلىق ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقىغا سىزىپ ئۆتۈپ، سۇ تۆشۈكىدىن چىقىپ كېتىدۇ. سۇ تۆشۈكى بىلەن ئۇنىڭغا تۇتىشىپ تۇرغان نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىلەر قوشۇلۇپ سۇ چىقىرىش ئاپپاراتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسسىق نەم مۇھىتتا باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ياكى سامان غوللۇق قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق ئۇچى ياكى گىرۋىكىدە سۇ تامچىسى بولىدۇ، بۇ سۆز تۆشۈكىنىڭ سۇ قۇسۇشىدىن ھاسىل بولىدۇ. سۇ تۆشۈكى گەرچە ئاجرىتىپ چىقارغۇچى توقۇلمىغا كىرگۈزۈلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بولمايدۇ.