Uyghurئاساسىي لۇغەت
توسۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆتۈشكە، ئىلگىرلەشكە كاشلا بولىدىغان نەرسە.
توسقۇنلارنى بۆسۈپ ئۆتتۈك. باتۇرنىڭ ئالدىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان توسالغۇ يوق. بىز ئىلگىرىلەيمىز، ھېچنېمە بىزگە توسۇق بولالمايدۇ. خىزمەتتىكى پۇتلىكاشاڭلارنى يوق قىلىڭلار. ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا، نامراتقا پۇتلاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئارىلىقنى توسۇش، ئاجرىتىش ۋە ئىھاتە قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان قۇرۇلما، تام، قاشا.
ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش بەش - ئالتە ياش بىلەن سۇ ئېلىپ كەتكەن يەرگە قويۇلغان توسۇقنى مۈرىلىرى بىلەن يۆلەپ تۇراتتى.
مېڭىش، كىرىش - چىقىشنى مەنئىي قىلىش ئۈچۈن، ئىشىك - دەرۋازىلارغا قويۇلغان توسما ياكى توغرا ياغاچ؛ مۇشۇنداق جايلاردىكى قاراۋۇللۇق.
ئۇ ساتما ئالدىدىكى توسۇقتىن سەكرەپ چىقتى - دە، بوۋاينىڭ ئالدىغا ئۇچقاندەك يۈگۈردى.
توي كۆچۈرگەن قىز - يىگىتلەردىن بىرەرىنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشى ياكى بېرىلىدىغان تارتۇق قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىپ تۇتۇلغان ئارغامچا ياكى باشقا نەرسىلەر.
ئىككى جايدا قىز - يىگىتلەر توسۇق توستى. گۈللەيلى ئۇلارغا تەڭگە چاچتى.
كۆچمە. توسقۇنلۇق، قىيىنچىلىق؛ قارشىلىق.
قاتمۇقات توسۇق ۋە داۋاندىن ئۆتتۇڭ، ئىزلىگەن پەرھاتتەك ئۆز دىلدارىنى.