Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۇلى ئارچىسى
بىئولوگىيە
ئارچا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ قوۋزىقى نېپىز بولۇپ، ئۇزۇنىسىغا تاسمىسىمان يېرىلىدۇ؛ شېخى ياپىلاق بولۇپ، تەكشى تىزىلىپ يۇقىرىغا قاراپ ئېچىلىدۇ. يوپۇرمىقى تەڭگىسىمان ئۇچى ئازراق كۆتمەك بولىدۇ، كىچىك شېخىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يوپۇرمىقىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسمى تەتۈر تۇخۇمسىمان رومبا شەكىللىك ياكى يانتۇ تۆت تەرەپلىك بولۇپ، يوپۇرماقنىڭ دۈمبە تەرىپىدە يىپسىمان بەز ئېرىقچىسى بولىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈلى شارسىمان بولىدۇ، ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ؛ ئاتىلىق شارچە گۈلى شارسىمان بولىدۇ شارچە مېۋىسى تۇخۇمسىمان بولۇپ، دەسلەپ گۆشلىشىپ كېيىن ياغاچلىشىدۇ، يېرىلىدۇ؛ ئۇرۇق تەڭگىچىسى تۆت جۈپ بولۇپ، ياغاچلاشقان، قېلىن، تەكشى بولىدۇ، دۈمبە تەرىپىنىڭ ئالدى ئۇچىغا يېقىن ئورۇندا ئەگرى ئىلمەكسىمان ئۇچلانغان بېشى بولىدۇ. يېتىلىدىغان ئۇرۇق تەڭگىچسىنىڭ ھەر بىرىدە 1 - 2 دانە ئۇرۇق بولىدۇ، ئۇرۇقىدا قانات بولمايدۇ ياكى ئىنتايىن تار قانات بولىدۇ، يۇمىلاق ياكى ئۇزۇن تۇخۇمسىمان كېلىدۇ. بۇ ئۇرۇقداشتا پەقەت كۇلى ئارچىسىلا بولىدۇ، جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان، چاۋشيەندىمۇ ئۆسىدۇ. ياغىچى ئىنچىكە، زىچ، سىزىقى يانتۇ بولۇپ، تەركىبىدە سىمولا مول بولىدۇ، چىرىتىشكە قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك ۋە چىداملىق كېلىدۇ. قۇرۇلۇش، ئەسۋاب، دېھقانچىلىق ئەسۋابلىرى ۋە ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. تەڭگىچى يوپۇرمىقى بىلەن كىچىك شېىى دورىغا قوشۇلىدۇ، ئاساسەن قان تۈكۈرۈش، بۇرۇن قاناش، ئاشقازان ئۈچەي يولى قاناش، قان سىيىش، بالىياتقۇنىڭ فۇنكسىيىلىك قانىشى، ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئارچا ئۇرۇقىنى دورىغا قوشۇپ، ئاساسەن نېرۋا ئاجىزلىق، يۈرەك سىقىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، قەۋزىيەت قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.