Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىرلە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
بىللە، بىلەن:
ئول ئاندىن نالەلەر بىرلە خىرامان،
بۇ ھەم مۇندىن فىراق ئوتىندە بەريان.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
بىلەن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىرلە، بىللە، بىلەن. ئول مەنىڭ بىرلە ئەردى _ ئۇ مېنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. بەزىدە سۆزنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن «ر _ r» ھەرپى تاشلىنىپ، « بىلە» دېيىلىدۇ.
1 - 561
بىئولوگىيە
بىرلىكتە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
يېزت. بىلەن، ئارقىلىق.
ئوخشىسىمۇ گەر سىياقىغا دەرەخنىڭ پارچىسى، ئول ئېسىل خىسلەتلىرى بىرلە دەرەخنىڭ تاجىسى.
Rate this entry