Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆممە قېرىن
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ قېرىنى بىر دانە، پىياز 500 گرام، قوينىڭ ئۆپكە، جىگەر، يۈرەك، بۆرىكىدىن بىر دانىدىن، سامساق تۆت چىش، زىرە ئازراق، ياغلىق ئۈچەي ۋە چاۋا يېغى ئازراق، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق.
1. قېرىننىڭ باش تەرىپىدىن كىچىكرەك تۆشۈك ئېچىپ، تەتۈر ئۆرۈپ سوغۇق سۇ بىلەن بىر نەچچە قېتىم يۇغاندىن كېيىن، ئىچى ۋە تېشىنى تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ، شىلىملىق تىرىپلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، ئىسسىق سۇدا چا
يقىلىدۇ. كېيىن بىر تەرىپىنى پىششىق يىپ بىلەن بوغۇپ قويۇلىدۇ.
2. ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، يۈرەك، ياغلىق ئۈچەي، چاۋا ياغلارنى چوڭ - چوڭ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، زىرە، كاۋاۋىچىن، ئۇششاق چانالغان سامساق، پىياز ئارىلاشتۇرۇپ قىيما
قىلىنىدۇ.
3. تەييارلانغان قىيمىنى قېرىننىڭ ئېغىز تۆشۈكىدىن سېلىپ، قېرىننىڭ ئاغزىنى بوغۇپ قوقاسقا ياكى تونۇرغا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدۇ. بۇنى دوخاپكىغا سېلىپ دەملەپ پىشۇرغىلى، قاسقاندا بۇسلاپ پىشۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن ھەر قايسىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولىدۇ.
دوخاپكىدا پىشۇرغاندا پات - پات ئۆرۈپ، ئۈستىگە سۇ سېپىپ تۇرۇش كېرەك. قېرىن پىشقاندا ئىچىدىكى خۇرۇچلارنى لېگەن ياكى تەخسىگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئىچىدىكى شورپىسى ئېھتىياجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
دىققەت: كۆمۈپ پىشۇرىدىغان قېرىننىڭ تېۋىتى ئېلىنمايدۇ. پىشقاندا قېرىنى ئىستېمال قىلىنمايدۇ. قاسقاندا ياكى دوخاپكىدا
پىشۇرغاندا قېرىننى قىزىق سۇغا چىلاپ، پىچاق بىلەن قىرىپ ئاقارتىش لازىم.