Uyghurئاساسىي لۇغەت
باھار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت پەسىلنىڭ بىرىنچىسى، 21 - مارتتىن، يەنى نورۇز كۈنىدىن باشلىنىدۇ.
ئەتىياز پەسلى _ خۇشاللىق پەسلى، قىش ئازابىدىن قۇتۇلۇش پەسلى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ. باھارگۈل. باھار بايرىمى. بىر قارلىغاچ كەلگەنگە باھار بولماس. كۆكلەم بولدى، مال كۆكلەمگە چۈشتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يىلنىڭ قىش بىلەن يازنىڭ ئارىلىقىدىكى پەسلى. 21 - مارت، كۈن - تۈن تەڭلەشكەن كۈندىن باشلىنىدۇ. ئەتىياز پەسلى
كۈز
يىلنىڭ ياز بىلەن قىشنىڭ ئارىلىقىدىكى پەسلى. 21 - 22 - سېنتەبر، كۈن - تۈن تەڭلەشكەن كۈندىن باشلىنىدۇ. كۈز پەسلى
ئۈچ ئەتىياز بىر كۈزگە يەتمەس. ئەتىيازدا قۇيماق يەپ، كەچ كۈزدە كېكىرىپتۇ. بىر قارلىغاچ كەلگەنگە باھار بولماس. مۇزنىڭ ئۆمرى باھارغىچە. يەر ھەيدىسەڭ كۈزدە ھەيدە، كۈزدە ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە. ئەتىيازدىكى ھەرىكەت - كۈزدىكى بەرىكەت.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
باھارقىز، باھارگۈل
باھاردەك ئىللىق