Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساغلاملاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئاغرىق، كېسەلدىن خالىي، ساق، ساغلام ھالەتكە كەلمەك، ساقايماق.
بالىلارنىڭ بەدەن ھالىتى كۈندىن - كۈنگە ساغلاملىشىپ ۋە تولۇپ بارىدۇ.
زىيانلىق، ناچار ئىللەتلەردىن خالىي بولماق؛ پاك، ساپ، ساغلام بولماق.
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ياچېيكىلىرى ساغلاملاشتى.