Uyghurئاساسىي لۇغەت
نەفلە ئىبادەت
بىئولوگىيە
پەرز، سۈننەت، ۋاجىب قاتارلىق نامازلاردىن باشقا، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئادا قىلىدىغان ئىبادەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ناماز ئىخلاسمەنلىك بىلەن ياكى ئالاھىدە ئەھۋالغا ئۇچرىغاندا ۋە ياكى مەلۇم ئارزۇ بىلەن ئوقۇلىدۇ. ئۇ تەھەججۈد نامىزى (كېچىسى ئوقۇلىدىغان ناماز) قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەكەت سانى بەلگىلەنمەيدۇ. ئاز بولسا 2 - 3 رەكەت، كۆپ بولسا مىڭ رەكەت ئوقۇلسىمۇ بولىدۇ. جامائەت بىلەن ئوقۇش - ئوقۇماسلىق توغرىسىدىكى پىكىرلەر ھەرخىل.