Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېگەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات - ئۇلاغنىڭ ئۈستىگە توقۇلىدىغان جابدۇق. <ئىگەر> ئومۇمىي.
<چوم> كۆپىنچە تۆگىنىڭ.
<ئۇچۇلۇق>، <مۆلە> لەر ئېشەكنىڭ.
ئات ئالغۇچە، ئېگەر تاپ. ئاتتىن ئايرىلساڭ ئايرىل، ئېگەر - توقۇمدىن ئايرىلما. چومى ئالمىشىپتۇ. تۆگىسى يەنە شۇ. ئېشەك ھاراق ئىچسە، ئۇچۇلۇقىنى سوۋغات قىلار. مۆلىسى يوق ياۋىداق ئېشەكنى مىنمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئاساسەن ئاتقا توقۇلىدىغان ئالدى ۋە كەينى قېشى ئېگىز، ئوتتۇرىسى پەس جابدۇق. كۆپىنچە تېرە ۋە ياغاچتىن ياسىلىدۇ.
ئات تاپقۇچە ئېگەر تاپ (ماقال) .