Uyghur→Chineseئاساسىي لۇغەت
پارانا دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
巴拉那河
bā lā nà hé
جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ دەريا. باش مەنبەسى برازېلىيە ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى پارانايبا دەرياسى بىلەن گرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان غەربىي چېغ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر بىلىتاۋا دەرياسىنىڭ بىر نەچچە كىچىك تارمىقى قوشۇلغان پلزېن ئويمانلىقىغا جايلاشقان. پلزېن چېخ تىلىدا <مۇنبەت جاي> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 200 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). پلزېن شەھىرىنىڭ ئاساسى 1292 - يىلى سېلىنغان، 14 -، 15 - ئەسىرلەرگە كەلگەندە مۇھىم قول سانائەت ۋە سودا رايونىغا ئايلانغان. 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى چېخ مىللىي مەدەن
دۇنيادىكى شەھەرلەر
巴拉那河
bā lā nà hé
جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ دەريا. باش مەنبەسى برازېلىيە ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى پارانايبا دەرياسى بىلەن گراندې دەريالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. بۇ ئىككى تارماق دەريا قوشۇلغاندىن كېيىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ برازېلىيە، پاراگۋايلارنى بېسىپ ئۆتۈپ ئارگېنتىنانىڭ روسارىئو شەھىرىگە بارىدۇ، ئاندىن شەرقىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ لاپلاتا دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 4000 كىلومېترغا يېتىدۇ، ئەگەر گراندې دەرياسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئۇزۇنلۇقى 5290 كىلومېترغا يېتىدۇ. ئاساسىي تارماقلىرى پاراگۋاي، پىكومايو، بېرموخو، سالادو قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەيدانى 2 مىليون 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. سۇ مىقدارى ناھايىتى مول، دەريا ئاغزىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 17 مىڭ 400 كۇب مېتر سېكۇنتقا يېتىدۇ، دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىمىنىڭ ئېقىم يانتۇلۇقى چوڭ، سۈيى تېز، شارقىراتمىلار كۆپ، سۇ كۈچى بايلىقى مول. بۇنىڭ ئىچىدە ئىگۇئاسۇ، كۋائىرا قاتارلىق شاراقىراتمىلار ئالاھىدە مەشھۇر. دەريانىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى كەڭ، دەريا قىنىدا ئاراللار بار، تۆۋەن ئېقىمىنىڭ ئىككى ياقىسىغا سازلىقلار كەڭ، دەريا قىنىدا ئاراللار بار، تۆۋەنئېقىمىنىڭ ئىككى ياقىسىغا سازلىقلار كەڭ تارقالغان، دىئامانتنىڭ تۆۋەن تەرىپىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا نۇرغۇن ئېقىنلار بار بولۇپ، كەڭ دائىرىلىك دېلتا شەكىللەندۈرگەن. سانتافې شەھىرىدىن تۆۋەن قىسمىدا ئوكيان پاراخوتلىرى قاتنىيالايدۇ. ئارگېنتىنا سىرتقى سودىسىنىڭ 30% نى بىلەن پاراگۋاي سىرتقى سودىسىنىڭ 90% تى دەريا قاتنىشى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سۇ قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
巴拉那河
bā lā nà hé