Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋېرت
دۇنيا تارىخى
(1822 - 1856)، گېرمانىيىنىڭ پرولېتارىيات شائىرى، سىياسىي ئوبزورچىسى ۋە ئىنقىلابچىسى، ماركس، ئېنگېلسلارنىڭ يېقىن دوستى. نامرات مىسسىئونېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا سودا سارىيىدا شاگىرت، بوغالتىر ۋە سودا ۋەكالەتچىسى بولغان. سەنئەت ۋە شېئىرنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن. 1843 - يىلى ئەنگلىيىگە كۆچۈپ بېرىپ، ئېنگېلس بىلەن كۆرۈشكەن. 1845 - يىلى بىريۇسسېلدا ماركس بىلەن تونۇشۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. 1847 - يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1848 - يىلى ياۋروپا ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، دەرھال گېرمانىيىگە قايتىپ بېرىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە كىرىشىپ كەتكەن. 6 - ئايدا <يېڭى رېين گېزىتى> نى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان. ئۆتكۈر قەلىمى ئارقىلىق پرولېتارىياتنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈرىشىنى كۈيلەيدىغان نۇرغۇن شېئىرلارنى ۋە دەۋر ئىللەتلىرىنى مەسخىرە قىلدىغان، پاش قىلىدىغان فېليەتون ۋە ئەدەبىي پارچىلارنى يازغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە لوندوندا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان ۋە سودا پائالىيىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىپ، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى بىلەن ياۋروپا ئارىلىقىدا دائىم بېرىپ كېلىپ تۇرغان. 1855 - يىلى 11 - ئايدا سېرىق قىزىتما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، كېيىن ھاۋانادا ۋاپات بولغان. ئاساسلىق شېئىرلىرى <ئاچ - زارلىق ناخشىسى>، <لەتكېشا ناخشىسى>، <زەمبىرەك ياسىغۇچىلار>، <نىمكار ناخشىسى>، <باھار ناخشىسى> ۋە ھەجۋىي ھېكايە <مەشھۇر رىتسار پوھانىسكىينىڭ ھاياتىدىكى تۆھپىسى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئېنگېلس ئۇنى <گېرمانىيە پرولېتارىياتىنىڭ تۇنجى ئەڭ مۇنەۋۋەر شائىرى> دەپ ئاتىغان.