Uyghurئاساسىي لۇغەت
سائادەتمەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەختى بار، بەخت - سائادەتكە ئېرىشكەن، تەلىيى كەلگەن، بەخت - تەلەي يار بولغان.
بەخىتلىككە يۇرتىنىڭ ھەممىسى بەختلىك كۆرۈنەر. تەلەيلىك تەرىدىن بىلىنەر. سائادەتمەن ئادەم شەھۋانىيەتكە بېرىلمەس. تېنى ساق ئادەم - دۆلەتمەن ئادەم. كىمنىڭ ياخشى نامى قالسا يادىكار، ئەرزىيدۇ دۇنيادىن كەتسە بەختىيار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۇرمۇشتىن رازى، مەمنۇن، خۇشال ئۆتۈۋاتقانلىق ھېسسى.
بەختسىز، بەتبەخت، بەختى قارا، شۇم (شور) پېشانە
تۇرمۇشتا بالا - قازاغا ئۇچرىغان، غەم - قايغۇدا ئۆتۈۋاتقانلىق ھېسسى.
بەختلككە ئەقىلنىڭ نېمە كېرىكى، ئەقلى يوققا بەختنىڭ نېمە كېرىكى. سائادەتمەن شەھۋانىيەتكە بېرىلمەس. بەتبەختنىڭ يۈزى قارا. دۇنيادا ئوتتۇرىدا قېلىشتىن ئارتۇق بەختسىزلىك يوق. بەختىيارنىڭ كېمىسى قۇرۇق يەردىمۇ ئۈزىدۇ. ئۇ قىز بەختى قارا بولۇپ قالدى. شور (شۇم) پېشانىنىڭ تەلىيى كاج.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
«سائادەتلىك» كە قاراڭ.
داداڭنىڭ دۇئاسىنى ئالساڭ، ئىككىلا دۇنيادا سائادەتمەن بولىسەن.