Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پادىاھ، خان، شاھ:
ئاللاھ، تەڭرى:
1. كى سەن - سەن كەرەملىك ئۇلۇغ پادىشاھ،
ئەھەد لەم يەزەل شاھ بىئشتىباھ.
ئا. نىزارى.
2. ئىش ئۇلۇقدۇر، شاھ ئۇلۇق، دەرگاھ ئۇلۇق،
يول قاتتىق، ۋادى ئۇزۇن، دىلخاھ ئۇلۇق.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خان، پادىشاھ، ئەلىگ، ھۆكۈمدار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلىق _ پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى.
ئالدىنقى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر ھۈكۈمرانلىرىنىڭ ئاتىلىشى؛ ئىككىنچى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمرۈنلارنىڭ ئاتىلىشى؛ ئۈچىنچى چېكى
خان _ قوزۇق، پۇقرا _ ئوزۇق. ئۆردەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. بەگ بىلەن ئېلىشما، دەرەخ بىلەن چېلىشما. بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشاتاي. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. بالا بۆشۈكىدىن يىقىلغۇچە، شاھ تەخىتتىن غۇلىسۇن. ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.