Uyghurئاساسىي لۇغەت
گام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قەدەم، يۈرۈش:
يۆنىلىش، قەست، نىيەت، ئىستەك، ئىنتىلىش.
ئاياغ:
1. مەنازىلىنى كەزدۈڭ قويۇپ گام تېز،
بۇلار بىرلە يۈتتۈكى بەندەرگە بىز.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
3. كى مىنمەكدىن بولۇپ ئارامى ئانىڭ،
دەمى تىنغاي قاپارغان گامى ئانىڭ.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قەدەم، چامدام: گام - بەگام - قەدەممۇ - قەدەم، ئاستا - ئاستا؛ گام ئۇرماق، گام قويماق - قەدەم قويماق، يۈرمەك؛ تېزگام - ئىلدام.