English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Qalun
ئۇيغۇر چالغۇ ئاتالغۇلىرى
قالۇن
بۇ ئادەتتە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ئەكىس سادا ساندۇقى پەلەمپەي شەكلىدە بولۇپ، ئالدى تار، كەينى كەڭرەڭ، سول تەرىپى ئەگرى، ئوڭ تەرىپى تۈز بولىدۇ. ئۇ ئاساسەن جازىغا ياكى يەرگە تۈز ياتقۇزۇلۇپ، ئوڭ قولىنىڭ باش، كۆرسەتكۈچ ۋە ئوتتۇرا بارماقلىرى بىلەن تارنى ئىلىپ، سول قولدا باسقۇچ ئارقىلىق تارنى بېسىش ۋە سىيرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چېلىنىدۇ. قالۇننىڭ ئاۋازى يېقىملىق ۋە تېيىلما ئاھاڭلارغا باي بولۇپ، بىر خىل پەۋقۇلئاددە تەۋرىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
قالۇننىڭ 16، 18، 24 ۋە 40 نەچچە تارلىق شەكىللىرى بار بولۇپ، ھەر بىر تارى جۈپ سىم قىلىنىپ بىر تەبىئىي ئاھاڭغا تەڭشىلىدۇ ۋە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ تەبئىي ئاۋاز باسقۇچلىرى رېتى بويىچە تىزىلغان بولىدۇ.
قالۇن قەدىمكى چالغۇلارنىڭ بولۇپ، خەلقئارادىكى كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئۇنى 870 - 509 - يىللىرى ئارىلىقىدا ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ۋە مۇزىكىشۇناس <ئەبۇنەسىر مۇھەممەد فارابى ئىجاد قىلغان> دەپ قارايدۇ.
<قالۇن تۈركلەرنىڭ شەرققە كۆچۈشى ۋە ئىسلامىيەتنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئومۇملاشقان. ئۇ ئىسلام - تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر>.
ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەكىت، مارالبېشى، ئاۋات قاتارلىق ناھىيىلىرىدە قالۇننىڭ ئىپتىدائىي شەكلى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇ دولان مۇقامىنىڭ مۇھىم تەڭكەش قىلغۇچى چالغۇلىرىنىڭ بىرى.