Lughet
لۇغەتئۇيغۇرچەتۇئەن پېراك
Uyghurئاساسىي لۇغەت

تۇئەن پېراك

دۇنيا تارىخى (؟ - 1498) مالاككانىڭ باش ۋەزىرى، ئەسلى يەرلىك ئەمەلدار. 1456-يىلى پادىشاھ مۇزەفغەر شاھ (1446 - 1459 - يىللار تەختتە ئولتۇرغان) ئۇنى باش ۋەزىر (بېنداخارا) لىققا تەيىنلىگەن. ئۆلگىچە شۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 40 يىل داۋامىدا مالاككا قۇدرەت تېپىپ، سىيام (بۈگۈنكى تايلاند) نىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا كېداغىچە بولغان رايوننى ۋە سوماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنى قوشۇۋالغان.
Rate this entry

باشقا مەنبەلەردىكى ئوخشاش سۆز

تۇئەن پېراكUyghurChineseئاساسىي لۇغەت
← ئىزدەش