Uyghurئاساسىي لۇغەت
ما ۋەنفۇ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1849 - 1934)جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئىخۋانىيە مەزھىپىنى بەرپا قىلغان ئادەم. دۇڭشياڭ (ھازىرقى گەنسۇ دۇڭشاڭزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى) دىكى گۇيۇەن مەھەللىسىدىن. شۇڭا ماگۇيۇەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىللىتى دۇڭشياڭ گۇاڭشۈينىڭ 1 - يىلى (1875) بېيجۇاڭ خانىقاسىدا دىن ئوقۇدى ھەمدە ئاخۇن نامىنى ئالدى، تەكلىپ بىلەن گۇيۇەن مەھەللىسىدە مەكتەپ ئاچتى. گۇاڭشۈينىڭ 14 - يىلى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلدى ۋە بىلىم تەھسىل قىلى، ۋەھھابىيە ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلدى. گۇاڭشۈينىڭ 18 - يىلى جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، سۈلۈكتىن ۋاز كېچىپ، <ئەھلى سۈننەت> كە ئۆزگەردى. <سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ، دەھرىيلىكنى تۈگىتىش>، <دىندا قۇرئان بويىچە يول تۇتۇش> نى تەرغىپ قىلدى. شاگىرتلىرى تەدرىجىي كۆپىيىپ، ئۆزى بىر مەزھەپ بولۇپ شەكىللىنىپ، ئىخۋانىيە دەپ ئاتالدى. گەنسۇدىكى ئون چوڭ ئاخۇن بىلەن بىرلىكتە ۋەھھابىيلارنىڭ كىتابلىرىدىن ئۈزۈندە ئېلىپ <بۇخارى زاد> ناملىق كىتاب باستۇرپ تەشۋىق قىلىپ، سۈلۈكلەرنىڭ قائىدە - مۇراسىملىرىنى تەنقىد قىلغانلىقتىن، سۈلۈكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. يەرلىك ئەمەلدارلار، خۇاسى سۈلۈكىنىڭ مۇخلىسى مائەنلياڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇ كىتابنى كۆيدۈرۋەتتى. ماۋەنفۇ لىنشادىن ئىلاجىسىز ئايرىلىپ، شەنشىدىكى شىڭئەنجۇ (ھازىرقى ئەنكاڭ) مەسچىتىگە بېرىپ مۇددەرىس بولدى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، سۈلۈكلەرنىڭ قائىدە - مۇراسىملىرىنى داۋاملىق تەنقىد قىلدى. 1619 - يىلى ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ جۇچۇەن ئارقىلىق قۇمۇلغا بېرىپ، قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدا مۇددەرىس بولدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي شىنجاڭدىكى ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، گەنسۇغا ئېلىپ ماڭغان يول ئۈستىدە چىڭخەينىڭ بېگى ماچى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنىپ شىنىڭغا ئېلىپ كېتىلدى. ماچى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن چىڭخەي رايونىدا ئىخۋانىيە ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى.